ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى
دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش كومىتېتى 2026 - يىللىق 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئالاقىدار ھۆججەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، قاراپ چىقىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش خىزمىتى خۇلاسىلەندى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى سادىقلىق بىلەن ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلان سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك يۈرۈشتۈرۈشتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان يىل. «ئۈچ رايون، ئۈچ لىنىيە» قاتتىق چەكلىمىسىنى چىڭىتىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى چىڭىتىپ، شەھەر - بازارلارنى ئېچىش پاسىلىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر «ئۈچ رايون، ئۈچ لىنىيە»نى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ، تەۋەلىكىدىكى بارلىق قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنىڭ ئۇللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىرىك پىلاننىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن كۈچىنى كۈچەيتىپ، يىرىك پىلاننىڭ نوپۇزى، قەتئىيلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەرقايسى ساھەنىڭ «15 - بەش يىل»لىق مەخسۇس يىرىك پىلانىنى تۈزگەندە، دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئومۇمىي يىرىك پىلانى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم سىياسەتلىرى، چوڭ - چوڭ تۈرلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلىشىپ يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشقا قارىتا دائىملىق ئىزلاپ تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇشنى «ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش»تىن «ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش، ئىش داۋامىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش»قا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تەبىئىي بايلىق «بىر خەرىتە» قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پىلانلاشنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مۈلۈك باشقۇرۇش، مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق يادرولۇق كەسىپلەرنى چۆرىدەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ئۆتۈشمە شەكلىدىكى قوللىنىش ھالىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان، دەۋر قىياپىتىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق رايون مەركىزىي شەھەرلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش كېرەك. دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەھەر تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يىرىك پىلان تۈزۈش، تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەرگە مايىللىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەردە كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلۇش سەۋىيەسى ۋە تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن قېزىلما بايلىق قانۇنىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ كۆزىتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش، مەركەزنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش قايتما ئىنكاس پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىشكە بىرلەشتۈرۈپ، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەستىقلاش، «قاشالاپ قويۇپ تەكشۈرمەسلىك، ئىگىلىۋېلىپ قازماسلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا تۈزەش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ھەقلىق بېرىشنى تىزىملاش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ياخشى خۇلاسىلەپ، تەكشۈرۈشنى قېزىشقا ئۆزگەرتىشكە تېز تۈرتكە بولۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە شۇ جايغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تىرەك سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماس ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىرىك پىلان سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى، يىرىك پىلاننى ئىجرا قىلىشنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى، بوشلۇقنى ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ تەرتىپلىك بولۇشى، بوشلۇقنى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، خا زېڭيوۋ يىغىنغا قاتناشتى.