​پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2026-04-16 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مائارىپ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ھەقىقىي تۈردە پەن تەتقىقات ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ياخشى ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ئالىي تەتقىقات ئورنىغا كېلىپ، تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئاڭلاپ، ئېنېرگىيە - كانچىلىق، قۇرغاق رايون زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ۋە خەلقئارا داۋالاشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىلىق ساھەدىكى ھەمكارلىقنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: تەتقىقات ئورنىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايون ھەم ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، «كارخانىلار سوئال چىقىرىش، ھۆكۈمەت تېما تۇرغۇزۇش، ئالىي مەكتەپلەر تېمىنى يېشىش، بازار تېمىغا ھۆكۈم قىلىش» ھەمكارلىق يېپىق ھالقىسى بەرپا قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ساھەدە كەمچىل بولۇۋاتقان سەرخىل، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىق مەركىزىدە، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن ئىلىم ئالماشتۇرۇش، بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، بۇ مەركەزنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى پىلانلاپ، ياخشى قۇرۇپ، ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى بايلىقنى قوزغاپ ۋە بىرىكتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، بۇ مەركەزنى شىنجاڭ، ھەتتا دۆلىتىمىز مائارىپىنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى «كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ تېببىي داشۆسى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىش كۆرگەزمە مەركىزىگە كېلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، يەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش، خەلقئارا ھەمكارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىلىرىنى ئاڭلىدى ھەم جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ھاجىئەكبەر ئەيسا بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دىققەتنى ئۆزگىچە ئەۋزەل ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تېببىي ساھەدە ئاساس تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «غەربىي قىسىمدا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان، ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى تېببىي داشۆ» قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىدە، ئەركىن تۇنىياز يېمەكلىك ئىلمى ۋە دورىگەرلىك ئىلمى شۆيۈەنىگە كېلىپ، شۆيۈەننىڭ ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش جەھەتتە قانات يايدۇرغان نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: مەۋقەنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۈزۈم ھارىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەۋزەللىكى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئاساسىغا قويۇپ، دىققەتنى كەسىپ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سورت يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ئىنچىكە، چوڭقۇر پىششىقلاش، داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى قاتارلىق پۈتۈن زەنجىرگە كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىشكە كۈچ قوشۇش كېرەك. ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىدە، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭنىڭ ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇرۇقلۇق پىلازمىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، كەسىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ ئات بەيگىسى جەمئىيىتى قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مۇسابىقە، مەدەنىيەت - ساياھەت داڭلىق ماركىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

قەيسەر ئابدۇكېرىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.