ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى

2026-04-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئىككىدە كۈچلۈك رايون» قۇرۇلۇشىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جۇڭگو سۈپەت (نەنجىڭ) يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، «14 - بەش يىل»دىكى سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتى خۇلاسىلەندى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

دۆلەت بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»دىكى سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سۈپەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تەشكىلاتلارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى، 6 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايوننىڭ پاتېنت مۇكاپاتى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. يىغىندا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تەشكىلاتلار، ئورۇنلارغا مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى ئاڭلىق ھالدا دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قويۇپ، «ئىككىدە كۈچلۈك رايون» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشتىكى كونكرېت ھەرىكەت قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتىكى ئىچكى تەلەپ قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە سىڭىشىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك قىلىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكا، ئۆلچەم، ماركا، سۈپەت، مۇلازىمەتنى يادرو قىلغان رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، «ئىككىدە كۈچلۈك رايون» قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، ياسىمىچىلىق سۈپىتىدە ئۆزگىرىش ياساش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بۇلغىمىلارنى ماسلىشىپ تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت ۋە ماركا ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك ئىجادىيەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك قوغداشنى يولغا قويۇپ، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى جەھەتتىكى ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى پۈتۈن زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، داڭلىق ماركا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. داڭلىق ماركا يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «شىنجاڭ سۈپىتى» رايون ئاممىۋى داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «شىنجاڭ سۈپىتى»نى «شىنجاڭ داڭلىق ماركىسى»غا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەرەققىيات ئېكولوگىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەممەيلەن سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەت «ئىككىدە كۈچلۈك رايون» قۇرۇلۇشىنى ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك، تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىشى كېرەك.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەن قىسمەن ۋەكىللەر، ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى(بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى)دىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار سۆز قىلدى.

جاڭ يىڭچۇن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، جۇ لىفەن يىغىنغا قاتناشتى.