ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش خىزمىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق خىزمەتلىرى مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك. شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆزى باشقۇرىدىغان ساھە ۋە ئۆزى مەسئۇل بولغان تارماقلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىك كۆپ يۈزبېرىدىغان، ئاسان يۈزبېرىدىغان نۇقتىلىق ساھەلەرگە چىڭ قادىلىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قاتارلىقلاردا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە تۈزىتىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتكە تۈرتكە بولىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەت، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە «بىر ئىش ئورنى قوش مەسئۇلىيەت»نى چىڭىتىپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <ئۈچ شىمال> قۇرۇلۇشى ئومۇمىي يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىلدى، يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ۋە «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، ھەقىقىي تۈردە «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەشنى نىشان قىلىپ، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىلمىي تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېشىل تەرەققىي قىلىپ، سۇغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سۇغا قاراپ يېشىللىقنى بېكىتىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق قۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشكە پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەكلىماكان، قۇربانتوڭغۇتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قۇملۇق قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنى چۆرىدەپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، تىيانشان، ئالتاي تېغى قاتارلىق رايونلاردا تەبىئىي ئورمان، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى دائىرىلەپ يېتىشتۈرۈش ۋە چەكلەپ قوغداشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، چېكىنگەن ئورمان - ئوتلاقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربوننى تۇراقلاشتۇرۇش، كاربوننى توپلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئورمان - ئوتلاق ئۇرۇقچىلىقى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا تىرەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، باھالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىلغار تېخنىكا - جابدۇقلارنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيانىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلىشىنى لايىھە بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.