​ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2026-05-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۆھرەت زاكىر ئۆمەك باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇپ چىقىش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ ناخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت زاكىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى دۇ جياخاۋ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جياڭ جىنچۈەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى - يېزا كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ شياۋمىڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرىگە بېرىپ، ئېتىز باشلىرى، زاۋۇت سېخلىرى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ھەم دېھقان ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنىڭ تەرەققىياتى، زاپاس ئاشلىقنى باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ھەم يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملىرى، دېھقان ئائىلىلىرى، كارخانا مەسئۇللىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئۈنۈمى، تەجرىبە - ئۇسۇللار ھەم ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى ۋە مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركىزىي كومىتېت بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، پۇختا قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى توسۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق تەكىتلىدى: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، مۇنبەت ئېتىز، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق، ئىلغار ماشىنا، ياخشى ئۇسۇللارنى توپلاشتۇرۇپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ «ئەلا سۈپەت» ۋە «كۆلەم»دىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچنى چىڭ كۆزلەپ، كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، بىرلىك ھوسۇل ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچەپ، دۆلەتنى ئاشلىق، پاختا ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، رايون ۋە تۈرگە ئايرىپ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقىنى توپلاش - قوغداش ۋە باھالاش - پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋىلاشقان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۇرۇقچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ ئاشلىق زاپىسىنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇپ، ئاشلىقنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، زاپاس ساقلاش، يىغىپ ساقلاش، نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇشنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ساقلاش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنچىكە پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يېزىلاردىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا - كەنت ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك؛ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت دېھقان - چارۋىچى ئاممىنى ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتلىنەلەيدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى، دىلشات قىدىرخان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.