2026 - يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلاندى

2026-05-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش مۇسابىقىسى ئۈچۈن توپ باشلاپ بەردى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، 2026 - يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەكومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي،ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنى كەچتە، 2026 - يىللىق «قەلبداشلىق لوڭقىسى» شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم باشلىنىش مۇسابىقىسى ئۈچۈن توپ باشلاپ بەردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى.

ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىغا تولدى، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى.

سائەت 20دە، شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. يەتتە خىل رەڭلىك چىلان تورۇقتىن تەشكىللەنگەن قىزىل بايراق چاسا سېپى مەيداننى ئايلىنىپ ئۇچقاندەك چېپىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پۈتۈن مەيداننى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدۈردى.

بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە، ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر بىڭتۇەننىڭ يېقىن ئەتراپتىكى شى، شەھەرلىرى بىلەن بىرلىكتە 14 ۋەكىللەر كوماندىسىنى تەشكىللىگەن بولۇپ، كوماندىلار جەنۇب، شىمال ئىككى رايونغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، ھەرقايسى ۋەكىللەر كوماندىلىرى تەرتىپ بويىچە مەيدانغا كىردى. تەنھەرىكەتچىلەر، رېپېرلار ۋەكىللىرى ئايرىم - ئايرىم قەسەم بەردى.

ھەر مىللەت مەدەنىيەت - تەنتەربىيە خىزمەتچىلىرى ئېسىل نومۇرلار كۆرىكىنى تەقدىم قىلدى. شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ باش تېما ناخشىسى «قەلبداش بولۇپ ئارزۇغا ئىنتىلىش»، ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرى «شىنجاڭ ياخشى جاي»، ئىجادىي نومۇر «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلە، ئۆسمۈر»دە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، ئارزۇغا ئىنتىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قىزغىنلىقى ۋە ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى.

جۇشقۇن مېلودىيە ياڭراپ، پۈتۈن مەيداندىكىلەر «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. ئارقىدىن، بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ باشلىنىش مۇسابىقىسى باشلاندى. ئۈرۈمچى كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا قاراماي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئىككى تەرەپ كەسكىن مۇسابىقىلىشىپ، ئاخىر تەڭلىشىپ قالدى. 30 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن نەق مەيداندا مۇسابىقىنى كۆردى.

شىنجاڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى شىنجاڭ بويىچە ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى، تەسىر كۈچى ئەڭ زور ئاممىۋى پۇتبول كۇرسلۇق مۇسابىقىسى. بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەنتەربىيە توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پۇتبول خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونى قۇرۇشقا كۈچ قوشۇش، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىشىدىكى مۇھىم تەدبىر.

بۇ نۆۋەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، بىڭتۇەن مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە)لەر، بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلەر بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. مۇسابىقىدە ئىشتىن سىرتقى پۇتبول ماھىرلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، ئادەتتىكى مۇسابىقە، شاللاش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ، جەمئىي 56 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقە 8 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

قادېن كەبىن، شۆ بىن پائالىيەتكە قاتناشتى، قەيسەر قېيۇم ئالاقىدار ھالقىلارغا رىياسەتچىلىك قىلدى.