ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-05-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش داغدام يولى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سودا كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دىققەتنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا ئورنىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى ئۇدۇللىشىش ۋە تەرەققىيات جەھەتتىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى، خەلقئارا بايلىقنى بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارى، خەلقئارا كەسىپ ھەمكارلىقى ئىقتىدارى، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى، ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇر تىرەك بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى ۋە ئېنېرگىيە كەسپىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش قاتارلىق ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» قاتارلىق يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. دىققەتنى مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، كىرىمنى ئاشۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش مۇھىم ۋەزىپىسىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، پاختىنىڭ ئەۋزەل ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، باغ - ئورمانچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. دىققەتنى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭنىڭ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى (2021 - يىلىدىن 2035 - يىلىغىچە)» قاراپ چىقىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئادەمنى ئاساس قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرلەرنى ئىچكى ئامىللىق راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى «بىر توپ، ئىككى بەلباغ، ئۈچ چەمبىرەك» بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قويۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - قوبۇل قىلىش، نوپۇس توپلاشتىكى تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر بىلەن يېزا ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىدىكى توسۇقنى كۈچەپ بۇزۇپ تاشلاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.