شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ئۆزبېكىستان قاراقالپاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئولېنبايېف بىلەن كۆرۈشتى.
چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئولېنبايېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان دوستانە يېقىن قوشنىلار ۋە يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ھەمكارلىقى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك تېز يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويدى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقى پۇختا ئاساسقا، ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكى ۋە كەڭ ئىستىقبالغا ئىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، يېزا ئىگىلىكى ۋە داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو شىنجاڭ ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ئولېنبايېف جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزبېكىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىجىل، مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. قاراقالپاقىستاننىڭ بايلىق ئەۋزەللىكى روشەن، مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچى زور، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قاراقالپاقىستان بىلەن شىنجاڭنىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، سانائەت باغچە رايونى قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىرونلۇق ئەشيا ئوبوروتى، چۆللىشىشنى تۈزەش، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئادىمىيەت - ساياھەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى جايدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئارزىيېف كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
جاڭ يىڭچۇن ۋە مەملىكەتلىك تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.