​مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تىرىشىپ تۈۋرۈك كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2026-05-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئىلىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مەدەنىيەت - ساياھەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تىرىشىپ تۈۋرۈك كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

5 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مەدەنىيەت - ساياھەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. سۈرەتتە: 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، چېن شياۋجياڭ غۇلجا شەھىرىدە مەدەنىيەت - ساياھەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

گېزىتىمىز، غۇلجا، 5 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئىلىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مەدەنىيەت - ساياھەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تىرىشىپ تۈۋرۈك كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلاندۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات بازىرىغا كېلىپ، خەلق ئۆرپ - ئادەت كەنتى، ئۆزگىچە تىجارەت سورۇنى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، ساياھەت ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

سۆھبەت يىغىنىدا، شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت سېلىنما گۇرۇھى، شىنجاڭ لۈفا مەدەنىيەت - ساياھەت شىركىتى، ئىلى لياۋيۈ ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇللىرى، شىنجاڭ شىڭجياڭجى خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى دىلنۇر تۇرسۇنجان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى ۋە ئىلى ئوبلاستىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ نۇقتىلىق سۆز قىلدى، خىزمەت تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قوزغىتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خاسلاشقان، پەرقلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئېسىل مەدەنىيەت - ساياھەت ماركىسى ۋە لىنىيەسى بەرپا قىلىپ، ساياھەت مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» دېگەن ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى يەنىمۇ جۇلالاندۇرۇش كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى يارىتىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. خەلقنى بېيىتىش ئىشىنى ياخشى قىلىپ، ساياھەتتە خەلقنى كۆزلەش، ساياھەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، «مەدەنىيەت - ساياھەت + تۈرلۈك كەسىپلەر» «تۈرلۈك كەسىپلەر + مەدەنىيەت - ساياھەت»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىياتىغا ماس كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك. بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، مەنزىرە رايونى، كارخانا، تارماق، تەۋەلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. چېن شياۋجياڭ كەڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرى ۋە كەسىپكارلارنىڭ تىرىشىپ شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن، ساياھەت ئوبراز ۋەكىلى، بازار تەرتىپىنى قوغدىغۇچى بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرگە شىنجاڭنىڭ سەمىمىيىتى، قىزغىنلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت - ساياھەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇشقا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

سۆھبەت يىغىنىدىن كېيىن، چېن شياۋجياڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، گۇڭئەن ئىدارىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چېگرا پورتىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى؛ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، زامانىۋى مۇنبەت ئېتىز قۇرۇلۇشىنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى؛ كۆمۈردىن ماي ئېلىش قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىلى ئوبلاستى ئىقتىساد چوڭ ئوبلاستى بولۇش مۇھىم مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى تېخىمۇ زور سالماق ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر ئارقىلىق ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىشقا كۈچەپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

قەيسەر قېيۇم، ياڭ شيۇلى پائالىيەتكە قاتناشتى.