​ئىقتىدار، قابىلىيەتنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2026-05-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ 2 - قارارلىق ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىدىكى رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس ئۆتتى

ئىقتىدار، قابىلىيەتنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 2 - قارارلىق ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىدىكى رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس ئۆتتى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 2 - قارارلىق ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىدىكى رەھبىرىي كادىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس ئۆتتى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ناھىيە رايونىنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىدىكى رەھبىرىي كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارى، قابىلىيىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش، تىرىشىپ سىياسىيدا سەگەك ئادەم، تەرەققىياتتا يول ئاچقۇچى، ئاممىنىڭ سىردىشى، بەنزىنىڭ باشلامچىسى بولۇش، ناھىيە رايونىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر، سىستېمىلىق دەرس سۆزلىدى.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ناھىيەلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىپىدىكى رەھبىرىي كادىرلىرى پارتىيەنىڭ ناھىيە رايونلىرىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تايانچ ۋەكىللىرى، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم كۈچ. سىياسىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا، جەزمەن توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنى قەلب تۆرىگە قويۇپ، مەۋقەنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك تۆھپە بىلەن كۆرۈنمەس نەتىجىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، خىزمەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، سۇ تامچىلاپ تاشنى تېشىش، بوشاشماي كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت چىدامچانلىق بىلەن «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. باشتىن - ئاخىر مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئورتاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يۆنىلىشى بويىچە مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ناھىيە رايونىدىكى تۈۋرۈك كەسىپلەر، خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، خاسلىقى روشەن، پەرقلىق تەرەققىي قىلىدىغان، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، گۈللىنىپ روناق تاپىدىغان ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پاك - تەلەپچان بولۇش تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، ناھىيە رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ۋاڭ لىن تەربىيەلەش كۇرسىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.