چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە سۆھبەتلەشتى
زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزىگە كېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئىشخانىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تىرىشىپ قاتناش كۈچلۈك رايونى قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزىگە كېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش خىزمەت ئىشخانىسى، تاشيول قاتنىشىنى جىددىي ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق مەركىزى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى، تاشيول يول تورىنىڭ يۈرۈشۈشى، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىگىلىدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت قوماندانلىق مەركىزىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون قاتنىشىنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.
ئارقىدىن، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەمدە تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، پوچتا، تۇرۇبا يولى، قاتناش قۇرۇلۇشى، سودا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئورۇن ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قاتناش - تىرانسپورتنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ «ئىككى مۇھىم» «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىدىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم ئومۇملۇق خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيەلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دىققەتنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چېگرا ھالقىغان قاتناش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورىنى بەرپا قىلىپ، چوڭ - چوڭ قاتناش تۈرلىرى قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە تۇتاشتۇرۇلغان زامانىۋى ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بەرپا قىلىش كېرەك. تىرانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «كىشىلەر سەپىرىدىن راھەت ھېس قىلىش، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى راۋان بولۇش» نىشانىنى چۆرىدەپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولغان سەپەرگە چىقىش مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە، پوچتا قاتارلىق قاتناش ئەشيا ئوبوروتىدىكى توسۇق نۇقتا ۋە بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنىڭ قولايلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەت ئايلانما لىنىيە قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، كاپالىتى كۈچلۈك بولغان زامانىۋىلاشقان تىرانسپورت مۇلازىمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى سۈپەتلىك قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاقىل قاتناش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قاتناشتىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەت تۇيۇقسىز يۈزبەرگەندە يولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قاتناش - تىرانسپورتىدا يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق باغچە رايونى، كان رايونى، زاۋۇت، كان - كارخانىلارنىڭ تىرانسپورتنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاپ، ئاقىل، يېشىل قاتناش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچەپ يارىتىش كېرەك. بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بىر تەرەپنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىر يولنىڭ راۋانلىقىنى قوغداش» سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، يول تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش - تۈزەشنى دائىملىق كۈچەيتىپ، قاتناشنىڭ ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يول قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ماس كۈچەيدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى سىجىل تۈزەپ، قاتناش قۇرۇلۇشى تۈرى ساھەسىدىكى پاكلىق خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.
جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.