خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئالتاي، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئالتاي شەھىرىدە 2026 - يىللىق ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى نومتە بايىر بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن نومتە بايىر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتى تاغ - دەريالىرى تۇتاش ياخشى قوشنا، ياخشى ھەمراھ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە دۆلىتىڭلار زۇڭتۇڭىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىگە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىق ئاساسى چوڭقۇر، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى سىجىل قويۇقلاشتۇرۇپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىقتىساد - سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدا، موڭغۇلىيە دۆلىتى بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، پورتلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى تۈزەش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستانە شەھەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - موڭغۇلىيە دۆلىتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
نومتە بايىر تەكلىپ بىلەن 2026 - يىللىق ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، موڭغۇلىيە دۆلىتى - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئۆلكىلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، يېمەكلىك پىششىقلاش، چارۋىچىلىق، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، چېگرا ھالقىغان ساياھەت، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. موڭغۇلىيە دۆلىتى باشتىن - ئاخىر ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاكتىپ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقى تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.
موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ ئالاقىدار رايون، تارماقلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، ۋاڭ گۇيسى، ياڭ شيۇلى، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.