خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئالتاي، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالتاي شەھىرىدە 2026 - يىللىق ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقان بىر قىسىم چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايوندىكى ھەرقايسى تەرەپلەر يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ھەرقايسى تەرەپ خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا دوستانە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا زىيارەت قىلىش پائالىيىتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى يوشۇرۇن كۈچى تېز جارى قىلدۇرۇلدى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ رايونلارنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، توغرا تونۇش ۋە ئېنىق چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېشىل ئېنېرگىيە، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - ساياھەت، رايون خەۋپسىزلىكى قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كونكرېت تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، رايون ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىنى، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
قازاقىستان شەرقىي قازاقىستان ئوبلاستىنىڭ باشلىقى ساقتاگانوف، موڭغۇلىيە دۆلىتى خوبدۇ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ئامارسانا، رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللايېف، تۈركمەنىستان ئاشخاباد شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بېكمېرادوف سۆز قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭدا ئالتاينى چۆرىدىگەن ئىككىلەمچى رايون خەلقئارا ھەمكارلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە يۈكسەك باھا بەردى، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئورنى ۋە رولى كۈنسېرى مۇھىم بولۇۋاتىدۇ، بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ھەمكارلىق مېخانىزمى ۋە سۇپىلىق رولىمىزنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، چېگرا ھالقىغان سودا ئەشيا ئوبوروتى، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، ئادىمىيەت ساياھىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق رايون ھەمكارلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
قازاقىستان، موڭغۇلىيە دۆلىتى، رۇسىيە، تۈركمەنىستاندىن كەلگەن مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزىز مېھمانلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، ۋاڭ گۇيسى، ياڭ شيۇلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، سودا مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.