ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-06-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «ئاپتونوم رايوننىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەدىمىي دەرەخ، داڭلىق دەرەخلەرنى قوغداش - باشقۇرۇش چارىسى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سىنلىق يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېقىنقى مەزگىلدىكى دۆلەت ئىچىدىكى ھادىسىلەردىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، كان بىخەتەرلىكىگە دائىر «سەككىز تۈرلۈك قاتتىق تەدبىر»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىش دائىرىسىنى يوشۇرۇش، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - تىزگىنلەشتە ساختىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، جازا ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاگاھلاندۇرۇش، چۆچۈتۈشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قاتلاممۇقاتلام ھالدا ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغىچە يەتكۈزۈش، چىڭىتىش كېرەك. قاتناش - تىرانسپورت، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، پوجاڭزا - ساليۇت، مەدەنىيەت - ساياھەت، بىناكارلىق - قۇرۇلۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش، ئورمان - ئوتلاق ئوت ئاپىتى، كەلكۈن قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەرنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم ياخشى بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مىقدارىنى ئازايتىش، بايلىققا ئايلاندۇرۇش، زىيانسىزلاندۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مىقدارىنى مەنبەدىن ئازايتىش، جەرياننى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش، ئاخىرقى ئۇچتا پايدىلىنىش ۋە پۈتۈن زەنجىرلىك زىيانسىزلاندۇرۇپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان قاتتىق تاشلاندۇقلارنى ئالدىن مەخسۇس تۈزەش كېرەك. ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، «كىم بۇلغىسا شۇ تۈزەش»تە چىڭ تۇرۇپ، زىيانسىزلاندۇرۇپ ساقلاش، يۆتكەپ توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق تاشلاندۇقلارنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاشلىق سېتىۋېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە ئاشلىق باشقۇرۇش، ئاشلىق ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل ئاشلىق سېتىۋېلىش تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاشلىق باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتىنى قوغدىشى كېرەك. بازارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك سېتىۋېلىشنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، دەرىجىسى ۋە باھاسىنى چۈشۈرۈش، ئاشلىق ساتقان پۇلنى نېسى قالدۇرۇش قاتارلىق دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەدىمىي دەرەخ، داڭلىق دەرەخلەرنى قوغداش - باشقۇرۇش چارىسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دەرىجىگە ئايرىپ قوغداش چارلاپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ئورمان باشلىقلىرىنىڭ قوغداشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، ئاجىز ئۆسكەن قەدىمىي دەرەخ، داڭلىق دەرەخلەرگە قارىتا، ئاسراش، قايتا ياشنىتىشنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇشى كېرەك. قوغداش ۋە ئېچىپ پايدىلىنىشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، يۈرۈشلەشكەن تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي تەتقىقات، ئۇرۇق پىلازمىسى گېنىنى كۆپەيتىش، تەبىئەت تەربىيەسى، ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇپ، قەدىمىي دەرەخ ۋە داڭلىق دەرەخلەرنى قوغداش - باشقۇرۇشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.