2026 - يىللىق شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى

2026-06-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، خوتەن، 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «شىنجاڭ ياخشى جاي . بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» باش تېمىسىدىكى 2026 - يىللىق شىنجاڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى خوتەن شەھىرىدە ئېچىلدى. يىغىندا شىنجاڭنىڭ «14 - بەش يىل»لىق مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپ، «15 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى سىستېمىلىق پىلانلىنىپ، دىققەت مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى چوڭقۇر يۇغۇرۇش، كەسىپ ھالىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، ماركا يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەتچىلىكنىڭ خەلقنى بېيىتىش، رايوننى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلىنىشىغا تېز تۈرتكە بولۇندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۈچۈن «ئارزۇدىكىدەك جاي» بەرپا قىلدى، كارخانىچىلار ئۈچۈن مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراقنى يېتىلدۈردى. بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پۈتۈن رايون مەدەنىيەت - ساياھەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تىرىليون يۈەن دەرىجىلىك كەسىپ توپى ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ساياھەت مەنزىلگاھىنى كۈچەپ بەرپا قىلىمىز. «مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى يارىتىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش»نى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «مەدەنىيەت - ساياھەت + تۈرلۈك كەسىپلەر» «تۈرلۈك كەسىپلەر + مەدەنىيەت - ساياھەت» يېڭى كەسىپ ھالىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، تىرىشىپ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تۈۋرۈك كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلاندۇرىمىز. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى دوستلارنى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىياتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، بىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز.

مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار يولداشلار سۆز قىلدى.

ھەرقايسى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار شى، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىرى مەدەنىيەت - ساياھەتنى سىنلىق تونۇشتۇردى. جۇڭگو ساياھەت جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى گې لېي، شاڭخەي چەت ئەل تىلى داشۆسى دۇنيا مەدەنىيلىك تارىخى تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى شى جەن، مالايسىيا جيايۈ ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لياڭ فېڭمېي، قىرغىزىستان ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئېلسا مامبېرتېلېۋا، 12 - تۈركۈمدىكى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خوتەن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جاڭ گوۋېي، ساياھەت يېتەكچىسى دىلنۇر تۇرسۇنجان، بىڭتۇەن 1 - شى ئارال شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيىنىڭ باشلىقى پېي جېڭلۇ باش تېمىلىق سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى شىنجاڭنىڭ چېگرادىن كىرىش ساياھىتىنى قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى.

يىغىندا، 12 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ قوماندانلىرىغا «شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھىتىنى تونۇشتۇرغۇچىسى» گۇۋاھنامىسى بېرىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار «ئارزۇدىكىدەك جاي . شىنجاڭدا» ناملىق ساياھەتچىلىكنى تونۇشتۇرۇش تىياتىرىنى كۆردى.

ۋاڭ جيەنشىن رىياسەتچىلىك قىلدى. مەمتىمىن قادىر، قەيسەر قېيۇم، ليۇ جيەنمىڭ، باتۇ، ياڭ شيۇلى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئالماشتۇرۇش مەركىزىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى نۇقتىلىق مەدەنىيەت - ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، خەلقئارا ساياھەت سودىگىرى ۋەكىللىرى، دۆلەت ئىچى ساياھەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ھەم مەدەنىيەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار قاتناشتى.

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ھەم مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىدىكى مەسئۇل يولداشلار، شىنجاڭ ساياھەت ساھە جەمئىيىتى، نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت كارخانىلىرى، مېھمانسارايلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.