ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش خىزمىتى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم، ياخشى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. قانۇنچىللىق ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قوغداپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزۈم ۋە بەلگىلىمە ئورنىتىشنى تېزلىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇنچىللىق سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق قانۇنچىللىق شارائىتى يارىتىش كېرەك. قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «9 - بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەت قانۇنچىللىقنى ئۇلۇغلايدىغان، قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان، پۈتۈمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىللىقنى قوغدايدىغان ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى) قانۇنچىللىق خىزمىتىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇھىت قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ماس ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: شىنجاڭنىڭ بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكى، يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، تۆۋەن بوشلۇق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاپ، تۆۋەن بوشلۇق ياسىمىچىلىقىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى تېزلىتىپ، تۆۋەن بوشلۇق ئەمەلىي قوللىنىش ھالىتىنى كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېز تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا دۇەنۋۇ بايرىمى مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، نۆۋەتچىلىك - ۋەزىپە ئىجرا قىلىش تەييارلىق خىزمىتى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە نۆۋەتچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، يول قاتنىشى، ساياھەت مەنزىرە رايونى، چوڭ تىپتىكى پائالىيەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردە بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، يەر تەۋرەش، كەلكۈن مەزگىلىدىكى ناچار ھاۋارايى، قىيان، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ۋە ئورمان - ئوتلاق ئوت ئاپىتى قاتارلىق ئاپەتلەردىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تىنچ - ئىناق بايرام ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.