ئاپتونوم رايونلۇق ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى
دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق كومىتېتىنىڭ 2026 - يىللىق 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش - ئېچىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار ھۆججەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى ۋە قاراپ چىقىلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كانچىلىق ساھەسىدىكى چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشى مۇساپىسىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئالغا سىلجىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش، «چارلاشتىن قېزىشقا ئۆتۈش»نى تېزلىتىش، شۇ جايغا بەخت يارىتىش، پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: تىرىشىپ ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى گېئولوگىيەلىك چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كان ئىزدەش نىشان رايونىنى بېكىتىپ، كان ئىزدەشتە تېخىمۇ كۆپ بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا گېئولوگىيە ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى ئىلتىماس قىلىش، تېخنىكا جابدۇقلىرىنى ئورتاق قۇرۇش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ سىياسىتىدىن جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىدىكى چوڭ - چوڭ تۈرلەر بويىچە يەر ئىشلىتىش، ئېنېرگىيە ئىشلىتىش، ئادەم ئىشلىتىش، مۇھىت قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كاپالەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم چارلاپ تەكشۈرۈش رايونلىرىنى پىلانلىق ئالدىن تاللاپ ۋە كېڭەيتىپ، كەسىپ قاتلىمى يۇقىرى، ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، قېزىلما بايلىق ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىن، ئاپتونوم رايون ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى تېزلىتىپ، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش، قېزىش، مېتال تاۋلاش، ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان يېشىل كانچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش كېرەك. كانچىلىق ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ تەستىقلاش، «ئىگىلەپ قويۇپ چارلىماسلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ سېتىۋېتىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئەندىزىسى قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش، كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئاقىل كان ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرلىرىنى تېز قۇرۇش كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان كانچىلىق ساھەسىدىكى پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكا - جابدۇق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قاتتىق ساقلاپ، «پارتىيە كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» ۋە «ئۈچنى باشقۇرۇش، ئۈچنى جەزمەن قىلىش» تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كان بىخەتەرلىكىدىكى «سەككىز تۈرلۈك قاتتىق تەدبىر»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يەر ئاستى كان، ئۈستى ئوچۇق كان، قالدۇق قېزىلما ئامبار قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، قانۇنسىز ھالدا ئوغرىلىقچە قېزىش، قېزىش خىزمەت دائىرىسىنى يوشۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارغا قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ۋە ئۇنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
يىغىندا 2025 - يىلىدىن بۇيانقى ئاپتونوم رايوننىڭ قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش - ئېچىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى ھەم تارباغاتاي ۋىلايىتى، بىڭتۇەن تەبىئىي بايلىق ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
يۈسۈپجان مەمەت، شۆ بىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.