يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-06-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

6 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ۋاڭ خۇنىڭ شىنجاڭ خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزىسى ئايدىڭكۆل كەنتىدە ئۇيغۇر ئاممىنى يوقلىماقتا.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىردىڭ شياۋشى) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 6 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىگە قەدەم قويدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مۇقىم، ئىناق بولغان، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ قومۇل شەھىرى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 13 - شى، 14 - شىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، شەھەر - بازار، يېزا، كارخانا، بىڭتۇەننىڭ ليەندۈيلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەنتنى كۈچەيتىپ خەلقنى بېيىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل» مەزگىلى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم، ياخشى بولغان ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تېخىمۇ كەڭ چوڭقۇر ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ مائارىپى، بولۇپمۇ ئالىي مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇپ، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

لى گەنجيې بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.