​تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك

2026-06-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ قومۇل شەھىرىنىڭ ئارا تۆرۈك ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك

6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ قومۇل شەھىرىنىڭ ئارا تۆرۈك ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ قومۇل ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈر تەتقىقات ئورنى ئارىلىق سىناق بازىسىغا بېرىپ، ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش پەن - تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۆزدىن كەچۈردى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئارا تۆرۈك 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىۋاڭ شىڭرۇيخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قومۇل شەھىرىنىڭ ئارا تۆرۈك ناھىيەسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ شىنجاڭ جۇڭتو بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ، تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، ئىش ئورنى ھازىرلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ قومۇل (ئارا تۆرۈك) ھېسابلاش ئىقتىدارىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا كىرىپ ھېسابلاش ئىقتىدارى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، مول پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تىرەك بولۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك؛ تىيانشان جىگۇ يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپلەر باغچىسى، قومۇل ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈر تەتقىقات ئورنى ئارىلىق سىناق بازىسىغا بېرىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ماي تەركىبى يۇقىرى كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش پەن - تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ئارا تۆرۈك سانائەت باغچە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدا ئۇنىۋېرسال ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن سانائەت ئالاقە تورىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە سېزىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ماھىيەتلىك بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك؛ ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنىڭ باغلانما تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاتارلىق بايلىق تىپىدىكى كەسىپلەرنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى كۆلەملەشتۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈپ، ماركىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئەمەلىي ئىشلارنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى قاتتىق، ئەمەلىي، چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن زەنجىرلىك، ئۆتۈشمە شەكىلدە بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى قانۇنسىز، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ۋە ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.