جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خەلقىنىڭ تايانچى

2026-07-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنىڭ كاللىغا، قەلبكە سىڭىشىگە، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، كۆپچىلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن - ئاخىر شىنجاڭ خەلقىنىڭ تايانچى ئىكەنلىكىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى:

ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرىمىز

7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى خەلق قۇرۇلتىيى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىشقا تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلىشىمىز كېرەك. «تۈمەنلىگەن ۋەكىل تۈمەنلىگەن ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، سۆزنىڭ روھىدىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلىش، قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا كۈچ قوشۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت:

ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولىمىز

7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ھالدا خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش:

چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆتنى مۇجەسسەملەش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ شانلىق مۇساپىسىدىن پارتىيەنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز، كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. دىققەتنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى زىچ چۆرىدەپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، «تۆتنى مۇجەسسەملەش» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى:

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز

7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان بىڭتۇەن قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە تەرەققىيات ئاساسىغا قويۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، بىڭتۇەن خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى:

ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى بېجىرىمىز

7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك تەپتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش مۇلازىمىتى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى خىزمىتىنى كۈچەيتىش» مۇھىم تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن قانۇن نازارەتچىلىكى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى بېجىرىشىمىز كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش خەلق ئۈچۈن بولۇش، تەپتىش قىلىش خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، خەلققە بەخت يارىتىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ ئارقىلىق، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان تەپتىش ئەمەلىي نەتىجىلىرىنى يارىتىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى:

ئاياللارنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئاياللار بىرلەشمىسى سىستېمىسىنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاياللار تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، ئاممىغا يېقىن تەشۋىق قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاياللارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، كەڭ ئاياللارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىشى كېرەك. «ئانارگۈللىرى ئېچىلىپ تىيانشاننى جۇلالاندۇردى» قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئاياللار تۆھپە يارىتىش، ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە تەربىيەسى، ھوقۇق - مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملىشى كېرەك.

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى:

بىرىكىش نۇقتىسى، باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تاپىمىز

7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، كۈچەپ روھىي ماھىيىتىنى تولۇق ئىگىلەش، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئىگىلەشكە كۈچ سەرپ قىلىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنى سىجىل قوزغاپ، ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوبلاست بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ توپلىشىمىز كېرەك. بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، بىرىكىش نۇقتىسى، باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

خوتەن ۋىلايىتى:

ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولىمىز

7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئەزالار (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» ۋە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى نۇقتىلىق ئۆگىنىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

(مۇخبىر لى ياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ليۇ شياڭ، جاڭ يەنفاڭ، گو لىڭ، ۋاڭ نا، سى لۇلۇ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاۋ جېندۇڭ، جاڭ ياخۇي)