ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك
چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 6 - ئاينىڭ 29 - كۈنى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە سىستېمىلىق بايان قىلىپ، پارتىيە رايى، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشتى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ئورتاق تونۇشى بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قىلچە تەۋرەنمەي پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇش تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى ۋە نەزەرىيە يۈكسەكلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى قىسمى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، دۇنيا ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۇڭگو تەجرىبىسىنى تەقدىم قىلغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي ماھىيەتلىك مەزمۇنى، نەزەرىيە پەزىلىتى، ئەمەلىيەت ئاساسى ۋە نەزەرىيە مەنبەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن قەتئىي غايە - ئېتىقاد، يۈكسەك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق، روشەن مەسىلە يۆنىلىشى، كۈچلۈك بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىيات، ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئالىي پىرىنسىپى، ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى، قىممەت ئىنتىلىشى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇسۇلى ۋە يولىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىش، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئۆستۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالىرىنى تاللاپ كۈچلۈكلىرىنى سەپلەپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشقا دائىر تۈرلۈك ئىنتىزام - بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ ياخشى يېتەكچىسى، ياخشى بەرپا قىلغۇچىسى، ياخشى قوغدىغۇچىسى بولۇش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختىلاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتتىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.