​سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

2026-07-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلىدى

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا «توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى» دېگەن مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، سىياسىي جەھەتتىن قاراپ، سىياسىي جەھەتتىن پىلانلاپ، سىياسىي جەھەتتىن ئىشلەپ، ياخشى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن، ياخشى ھەرىكەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن، ياخشى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق ئىسلاھات - تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش كېرەك. «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايون ھۆكۈمەت سىستېمىسى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىچكى تالىشىش شەكلىدىكى رىقابەتتىن ساقلىنىپ، سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش بىلەن مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى ۋە ئىلمىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، يېشىل تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپسىزلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، خەۋپسىزلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلىشى كېرەك. راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چىن دىل بىلەن ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، بەخت - سائادىتىنى كۆزلىشى كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ بۇرچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ۋە ئىنچىكە تۇتۇشى كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، ئىشتا سۆرەلمىلىك قىلىش، قالايمىقان ئىش قىلىش مەسىلىلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى ۋە تۈزىتىشى كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى ئارقىلىق ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، تىرىشىپ تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تەۋرەنمەي چىڭ كۆزلەپ، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش كېرەك. چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جاڭ يىڭچۇن، قەيسەر ئابدۇكېرىم، جۇ لىفەن، پەن شى قاتناشتى.