چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز 11 - نۆۋەتلىك دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى ۋەكىللىرى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

2026-07-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي،ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە 11 - نۆۋەتلىك دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى ۋەكىللىرى ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭدا ئېكسكۇرسىيە - كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، كۆپچىلىككە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىي قىلىپ توپلىشىپ كۆلەم شەكىللەندۈردى، ئۇل ئەسلىھەلەر كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سىجىل ياخشىلاندى، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا پائال قاتنىشىپ، ئىقتىساد - سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى سېلىنما ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، خەلقلەر ئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشى ۋە تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭخۇا مەملىكەت سىرتى بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لىن رۇي شىنجاڭنىڭ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئەتراپلىق كاپالەتلەندۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت پائالىيىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، سەيلە قىلىش داۋامىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، ئالماشتۇرۇش داۋامىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن، تومۇرداش، ئايرىلماس قىزغىن ئېتىقادىنى ھېس قىلىپ، «بىر قېتىملىق شىنجاڭ سەپىرى، بىر ئۆمۈرلۈك شىنجاڭ مېھرى» ئۇرۇقىنى چېچىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: دۇنيا خۇاچياۋ، خۇارېنلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى بىرلەشمە دوستلۇق يىغىنى مەملىكەت سىرتىدىكى خۇاچياۋلار تەشكىلاتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مەملىكەت سىرتىدىكى خۇاچياۋ قېرىنداشلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا يېتەكلەش، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ خەلقلەر ئارا دوستلۇق ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. كۆپچىلىكنىڭ بايلىق، يول قاتارلىق جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى يۈزلىنىشىگە كۈچ قوشۇپ، دۇنيانىڭ شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى ئەتراپلىق چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئامېرىكا، فىرانسىيە، مالايسىيا، ياپونىيە، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خۇاچياۋ، خۇارېنلار كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، قەلبداش بولۇپ كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى يەرلىك بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كەسىپ، ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەتكە قايتقاندىن كېيىن، شىنجاڭدا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىمىزنى ئەتراپىمىزدىكى دوستلىرىمىز ۋە تۇرۇۋاتقان دۆلەتتىكى پۇقرالارغا سۆزلەپ بېرىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ دوستلارنى ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، گۈزەل شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.