باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2026-07-18 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزى، بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلار يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 11 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە سىستېمىلاشقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتنى جىپسىلاشتۇرۇش، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئىقتىدار دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىلىرىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي قوللىنىش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا بىلەن مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكا باشلامچى ئىختىساسلىقلىرى ۋە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى توپلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىغا ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مالىيەنىڭ پەن - تېخنىكا خىراجىتىنى تەقسىملەش ۋە باشقۇرۇش، ئىشلىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پەن - تېخنىكا خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، تارماقلارنىڭ ماس ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ فۇجيەن چۈەنجوۋنىڭ جىنجياڭ شەھىرىدىكى بىر ئاياغ زاۋۇتىدا يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتى ھادىسىسى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەركەز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى كەسكىن، ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، بارلىق يوشۇرۇن خەۋپلەرنىڭ «بىرىنىمۇ قالدۇرماسلىق»، بىر تەرەپ قىلىشتا «بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارنى تۈزەش» يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، كان، ئوت مۇداپىئە، قاتناش، ساياھەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە دەل جايىدا بولۇشىنى ئاشۇرۇپ، جازا ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە جەزمەن قاتتىق بولۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈش كۈچلۈك سىگنالىنى سىجىل قويۇپ بېرىش كېرەك. «پارتىيە كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» ۋە «ئۈچنى باشقۇرۇشتا ئۈچ جەزمەن بولۇش»نى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

يىغىندا مەركەزنىڭ شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى سىجىل چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش، ئوبلاست، ناھىيە، يېزىلارنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ كۆزلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، كۈچەپ سىياسىي نەتىجە قارىشىدىكى ئېغىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈزىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساس سالىدىغان، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارغا قويۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ساھەسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دائىملىق يار - يۆلەك بولۇشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە كىرگۈزۈپ بىرتۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇپ، كۆزىتىپ ئۆلچەشنىڭ دەل ۋاقتىدا بولۇشىنى ۋە يار - يۆلەك بولۇشنىڭ دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئېچىش شەكلىدىكى يار - يۆلەك بولۇشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، كەسىپ ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى، تېرىلغۇ يەر سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە شورلۇق يەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كۆكتات مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.