ليۇ نىڭ، چېن شياۋجياڭ، ۋاڭ كەي، ئەركىن تۇنىياز پائالىيەتكە قاتناشتى

7 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، خوتەن، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئىككى تەرەپ خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە خېنەن - شىنجاڭ ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ نىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ، خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ كەي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خېنەن ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى. چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن خېنەننىڭ شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى. خېنەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلدى، تۈركۈم - تۈركۈملەپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردا كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا ئىللىقلىق بېغىشلاش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى قەلبىدە چىڭ ساقلايدۇ. ئىككى ئۆلكە - ئاپتونوم رايوننىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان خېكاڭ ناھىيەسى، خېئەن ناھىيەسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك پىلانلاش، قۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قېزىلما بايلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدايمىز. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مەدەنىيەت - ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
ليۇ نىڭ خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خېنەننىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە كۈنلۈك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. خېنەننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىكى خوتەن، خېئەن، خېكاڭدىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيەگە نىشانلىق ياردەم بېرىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خېنەنگە يۈكلىگەن يېڭى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە بولۇپ، بىز بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك، ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ زىممىمىزدە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، ئۈچ ناھىيەنىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىنى ئۆز ئىشىمىز دەپ بىلىپ، مەۋقەنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئېھتىياجىغا قويۇپ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىدارىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى پۈتۈپ، تۈر تىرىكى ئارقىلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇپ، راۋان تۇتاشتۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭ - خېنەن ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق نىشانلىق ياردەم بېرىشتە يېڭى جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خېنەن بىلەن شىنجاڭنىڭ گېئولوگىيەلىك كان تەكشۈرۈش، كەسىپ تەرەققىياتى، ئېنېرگىيە - ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، مائارىپ ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت - ساياھەت تەرەققىياتى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، قوش يۆنىلىشلىك كۈچ قوشۇشقا ياردەم بېرىپ، تىرىشىپ شىنجاڭ - خېنەن ھەمكارلىقى، ئالماشتۇرۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.
سۆھبەت يىغىنىدا، ئەركىن تۇنىياز، ۋاڭ كەي ئايرىم - ئايرىم ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەم خېنەن بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئەھۋالى، خېنەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. خوتەن ۋىلايىتى ۋە خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىكى مەسئۇل يولداش كونكرېت خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئىككى تەرەپ ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى خوتەن شەھىرى، خوتەن ناھىيەسىگە بېرىپ، يېزا - بازار، مەكتەپ، مەدەنىيەت مۇزېي مەيدان - سارايلىرى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ۋە تۈرلەرنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى. ئېگىزلىكتىكى چېگراغا جايلاشقان خېكاڭ ناھىيەسى، خېئەن ناھىيەسىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكى يېزا - كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتى، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى، خاس كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى يوقلىدى.
تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، ئىككى ئۆلكە - ئاپتونوم رايوندىكى ليۇ نىڭ، چېن شياۋجياڭ قاتارلىق يولداشلار كاڭشىۋا ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا كېلىپ، قەبرە يوقلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەننى قوغداش، چېگرا رايوننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن قۇربان بولغان قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى.
خېنەن ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ گاڭ، جاڭ مىن، لى تاۋ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، لى گاڭ، ياڭ خۇڭبىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.