مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز

2026-07-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

نۇرغۇن بوران - چاپقۇن ۋە جەبىر - جاپانى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، يەلكەن چىقىرىپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، شانلىق نەتىجىلەرنى داۋاملىق ياراتتى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېپيېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز.

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 105 يىلدىن بۇيان، بىز قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خوتەنگە يۈرۈش قىلىش خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شيا تيەن بۇ سۆزدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، «ئەينى يىلى، 1800دىن ئارتۇق ئوفىتسېر - ئەسكەر تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ، ئىنتايىن ناچار مۇھىت ۋە قاتمۇقات خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئالدىدا، باشتىن - ئاخىر قورقۇپ قالماي، خوتەننى غەلىبىلىك ئازاد قىلدى. كېيىن، ئۇلار شەمشەرنى ساپان قىلىپ چۆللۈكتە يىلتىز تارتىپ، بىر ئۆمۈر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى قوغداش قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى. سارايدىكى ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى، ھەربىر كونا سۈرەتنىڭ ھەممىسى ئەجدادلارنىڭ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ گۇۋاھچىسى. مەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ياشلىق باھارىمغا يۈز كېلىپ، گۈزەل ياشلىقىمنى قەدىرلەپ، ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تەشۋىقات ۋە چۈشەندۈرۈشۈم ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمەن.»

شىنجاڭ كۆكتوقاي بېيجياڭ مىڭجۇ ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تەن شېڭلى 3 - ئەۋلاد كانچى بولۇپ، ئۇنىڭ بوۋىسى تەن چىيې شەندۇڭدىن بۇ جايغا كېلىپ، كان ئىشچىسى بولغان، دادىسى تەن چاڭچۇن كان ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ئىدى، «باش شۇجى: خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، ھەقىقىي قەھرىمان، دېدى. مەن چوڭقۇر تەسىرلەندىم، چوقۇم بىز بۇ بىر ئەۋلادقا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى ياخشى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش لىنىيەسى بەرپا قىلىش قاتارلىق ساھەلەرگە كۈچەپ، كۆكتوقاينى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.»

«105 يىل بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پارتىيە يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ تارىخىي داستاننى پۈتتى.» شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېركەش قۇرمانبېك چوڭقۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ ھەقىقىي تەسىراتىمنى قەلىمىم ئارقىلىق خاتىرىلەپ، قايناق رېئال تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىغا يوشۇرۇنغان يارقىن نۇقتىلارنى قېزىپ، ھارارەتكە، ھېس - تۇيغۇغا ئىگە دەۋر شەخسلىرىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن.

جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىمىز، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىمىز

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ <1 - ئىيۇل ئوردېنى>غا ئېرىشكۈچىلەرگە ئوردېن بەردى. بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ، مەن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. يىغىندا، <1 - ئىيۇل ئوردېنى>غا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىلى، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۇن شەھىرىنىڭ كۇەنچېڭ رايونى چاڭشەن گۈللۈكى مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى ۋۇ ياچىن سۆز قىلغاندا، مەن چوڭقۇر ھاياجانلاندىم، چوقۇم ئۇنىڭغا ئوخشاش، ئامما قەيەردە بولسا، ئىش ئورنۇم دەل شۇ يەردە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقىمنى بارغانسېرى كۈچەيتىمەن» دېدى ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سۇڭشەن كوچا باشقارمىسى خۇڭخۇ مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ سەيمېي.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەن چوڭقۇر ئىلھاملاندىم، مەسئۇلىيىتىمنىڭ زورلىقىنى ھەسسىلەپ ھېس قىلدىم.» كۇچا شەھىرى ساقساق كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، كوچا باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ئايگۈل راخمان مۇنداق بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەتچىل ئىستىل بىلەن مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، كوچا باشقارمىمىزنى ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ئىناق، گۈزەل ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز.

«مەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئاقىل كۆزىتىش - ئۆلچەش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇ <پەسىل قۇشلىرىنىڭ ئېسىل ماكانى>نى ياخشى قوغداپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.» ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيەنكۇن مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەسىنى قوغدىغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، زىممەمدىكى بۇرچنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

بۇرچ - مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز

«سېن شېن . دەل - دەرەخلەر ئاقىرىپتۇ نەشپۈتنىڭ گۈل - چېچىكىدەك» ناملىق دېكلاماتسىيەلىك تىياتىردىن «شەمشەر ئېسىپ كوئېنلۇنغا مېڭىش . لى بەي سەھىپىسى» ناملىق كوئېنلۇن مەدەنىيىتى يۈرۈشلۈك مۇزىكا، دېكلاماتسىيە، كۆرۈنۈش كىرىشتۈرۈلگەن تىياتىرغىچە، چۆكۈش شەكلىدىكى ھەمتۈرتكىلىك دىراما «پەرىشتە! كېلىپ باققانمۇ؟»دىن ئاۋازسىز تىياتىر «ياخشىمۇسىز»غىچە، شىنجاڭ سەنئەت ئورنى دىراما ئۆمىكى پائال يول ئېچىپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق شىنجاڭ دىرامىچىلىقىنىڭ ھازىرقى زامان ئىپادىلەش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدەندى. «باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت كوردىناتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.» شىنجاڭ سەنئەت ئورنى دىراما ئۆمىكىنىڭ رېژىسسورى ۋاڭ شىچياۋ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرۈپ، ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چوڭقۇر چۆكۈپ، قايناق رېئال تۇرمۇشتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، خەلقنىڭ كۈرەش ھېكايىلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن يېزىپ، ھارارەتلىك، ئاممىغا يېقىن نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېيدا 14 مىڭدىن ئارتۇق تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقى بار، بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر خاتىرىسىنىڭ ماددىي ۋاسىتىسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى جانلىق دەرسلىك. «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى كۈندىلىك خىزمىتىمگە سىڭدۈرۈپ، بۇرچ - مەسئۇلىيەتچانلىقىمنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەرنى داۋاملىق چوڭقۇر قېزىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سەۋىيەمنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمەن» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇزېينىڭ خىزمەتچىسى جۇ چىجېن.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى بىزنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىمىزنى چىڭىتتى.» شىنجاڭ داشۆ تارىخ شۆيۈەنى(جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى شۆيۈەنى)نىڭ پىروفېسسورى خې يۇڭمىڭ مۇنداق دېدى: سىجىل تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تايانغىلى بولىدىغان، ئېلىپ قالغىلى بولىدىغان، ياخشى ئىشلەتكىلى بولىدىغان شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈپ چېگرانى مۇستەھكەملەيدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.

(مۇخبىر جيا چۇنشيا، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ شىنخۇڭ، جاۋ مېي، ھەبىبە)