شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ 2026 - يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى.
چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى ئەزالارنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: 2013 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانى شەرقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە تولغان ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى. 13 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويدى. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، دۇنيا بىلەن بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئىچى ئالاقىسىنى بارغانسېرى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈردى. بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جاۋشۈ مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن شىنجاڭ تەرەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەسلىھەت بېرىش كومىتېتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، باشتىن - ئاخىر «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلەشكە كۈچ چىقاردى. ھەرقايسى ئەزالار بۇ قېتىم شىنجاڭدا مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ 2026 - يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم چوڭقۇر ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭغا بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا ئاكتىپ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى كاكار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى، ئېچىۋېتىلگەنلىكى كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرىدۇ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلىرى ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ. باشقا ئەزالار بىلەن بىرلىكتە، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.