ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2026-07-04 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى

ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەتلەشتى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز دەۋا مۇلازىمەت مەركىزى ۋە جىنايى ئىشلار 1 - سوت كوللېگىيەسىگە كېلىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى مەنبەدىن تۈگىتىش، مۇھىم دېلولارنى سوت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، مەھكىمە تارىخى سارىيىغا كىرىپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە تۈرلۈك خىزمەت نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى، قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتى، سوت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىگە ئېلىپ، سوت قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئادىل يۈرگۈزۈپ، «ئەگەر دەۋا قىلغۇچى مەن بولسام» دېگەن ئاڭ بىلەن ھەربىر دېلونى ياخشى بېجىرىپ، دېلولارنى سوت قىلىش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدە، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ رەقەملىك تەپتىش مەركىزى، ئەدلىيەلىك باھالاش مەركىزى ۋە 2 - تەپتىش بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارغا كىرىپ، رەقەم ئارقىلىق قانۇن نازارەتچىلىكىگە كۈچ قوشۇش، ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى تېخنىكا سۇپىسى قۇرۇلۇشى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەپتىش ئورگانلىرى قانۇن نازارەتچىلىكى بويىچە ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپتە، دېلولارنى يۇقىرى سۈپەتلىك، ئۈنۈملۈك بېجىرىش بويىچە ئۆز مەسئۇلىيىتى ۋە مەنبەسىدە چىڭ تۇرۇپ، دەۋا ئىجراسى پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەپتىشلىك بويىچە ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋاسى قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دېلولارنى تېخىمۇ قاراتمىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نازارەتچىلىكنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئادىللىقى ۋە نوپۇزىنى قوغدىشى كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن يۈرگۈزۈشنى چوڭقۇر ۋە پۇختا ئىشلەپ، قانۇنچىللىق يولىدا مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى قوغداش، ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى قوغداپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ ھەل قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە باراۋەر قوغداپ، ئىقتىسادىي تەرتىپنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئاشۇرۇپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يېتىلدۈرۈشتىكى قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن يۈرگۈزۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىگە كۈچ قوشۇش كېرەك. قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە سوت قىلىشنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەيمىنىشنى بىلىش، سەگەك بولۇش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشقا يېتەكلەپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان ياخشى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ، ۋاڭ گوخې، دىلشات سايىم، گاۋ جىمىڭ، دۇ خۇڭيەن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.