​تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2026-07-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز ئالتاي ۋە خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، لوپ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى، كۆكتوقاي ناھىيەسى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرى، لوپ ناھىيەسىگە كېلىپ، چېگرا پورتى، ئوتلاق، چارۋىچىلىق رايونلىرى، كارخانا، زاۋۇت، كان، مەھەللە ۋە ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش، نۇقتىلىق تۈرلەر، كەسىپ تەرەققىياتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى زىچ چۆرىدەپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

خۇڭشەنزۇي پورتىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئاقىل پورت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورىنىڭ مۇھىم تۈگۈن نۇقتىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇ يەنە خۇڭشەنزۇي چېگرا مۇداپىئە ليەنىگە كېلىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنى شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا لىنىيەسىنى قەتئىي ياخشى قوغداشقا ئىلھاملاندۇردى.

كۆكتوقاي ناھىيەسى سايقىنبۇلاق چېگرا «ئانار دانىسى» مۇلازىمەت پونكىتىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى چارۋىچىلىق رايونىنى ئىدارە قىلىش، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك سىياسەت، قانۇن - نىزاملارنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، چارۋىچىلارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، «نەپنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى، كىمدىن مىننەتدار بولۇپ جاۋاب قايتۇرۇش كېرەكلىكى»نى بىلىشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مېڭكۇ تۆمۈر كېنى، فۇيوۋيۈەن يېڭى ماتېرىيال شىركىتى قاتارلىق كارخانىلارغا بېرىپ، ئاقىل كان، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېشىل كانچىلىق ۋە يېڭى ماتېرىيال كەسىپ زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. لوپ ناھىيەسىدىكى جىڭپۇ شىشاڭ، پىڭلو سېننۇڭ قاتارلىق كارخانىلاردا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى، باغۋەنچىلىك كەسپىنى تۇتقا قىلىپ، مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

كۆكتوقاي ناھىيەسى قۇئېرتىش بازىرىنىڭ مەدەنىيەت شەرقىي يولى مەھەللىسىدە، ئەركىن تۇنىياز مەھەللە كادىرلىرىغا ئىشىك ئالدىدىكى قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تاپىلىدى؛ لوپ ناھىيەلىك ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە داۋالاش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، ئوت مۇداپىئە قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە چىڭ قادىلىپ، بىخەتەر يۈرۈشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى. ئەركىن تۇنىياز يەنە خەلققە قولاي ساقچى ئىشلىرى پونكىتىنى زىيارەت قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى؛ چارۋىچى ئاممىنى يوقلاپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، ئاممىنى كۆپرەك ماھارەت ئۆگىنىپ، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كان، قاتناش، ساياھەت، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ناچار ھاۋارايى شارائىتىدا ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكى ۋە قىزىل سىزىقىنى ياخشى ساقلاش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى تۇتۇپ، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى ياخشى تۇتۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.