ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە شانلىق مۇساپە ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئالاھىدىلىكىنىڭ شىفىرى يېشىپ بېرىلىپ، پارلاق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىنغان، ئۇنىڭغا پارتىيەمىزنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن، ئۇنىڭدا ماركسىزملىق ھەقىقەت نۇرى چاقناپ تۇرغان بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە نەزەرىيە جەھەتتىن بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغاپ، تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ نۇقتا، چوڭقۇر قاتلامدىن قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەردە تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك قىلىپ تاۋلاپ چىقىشىمىز كېرەك.
يىغىندا 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى تەھلىلى، ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھۆل - يېغىن ئەھۋالىنى دەل جايىدا كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىشنى كۈچەيتىپ، قىيان گېئو ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق دەريا ۋادىلىرىدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ ۋە خەتەرلىك ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشنى ئىككى قولدا تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ياخشى ئىشلەش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، ھەرقايسى ساھە، تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ماسلىشىپ كۈچەپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭنىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بولغاندا قىلغان سۆزىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئەۋزەل ئۆزگىچىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى قۇۋۋەتنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «ئۈچ بازا، بىر يول»نى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ تىپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپقا ئۆزگەرتىپ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ ئەرزىيەت ساھەسى مەخسۇس خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەنبەدىن ئالدىنى ئېلىش ۋە دەسلىپىدىلا ھەل قىلىشنى كۈچەيتىپ، «ئۈچنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىرنى بىر تەرەپ قىلىش» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماھىيەتتىن ھەل قىلىشقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەتلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا تۈگىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىشى، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.