شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باشلىقى دىلما رۇسسېف بىلەن كۆرۈشتى.
چېن شياۋجياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە ۋاكالىتەن رۇسسېفنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەت ۋە كۆزدىن كەچۈرۈشتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتى سىجىل مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، ئۇل ئەسلىھەلەر كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازا بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلدى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى، بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدارە قىلىشى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىشىدىكى روشەن ئەۋزەللىك ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ دىققەتنى يېشىل، ئىجادىي، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ بىلەن ئېنېرگىيە بايلىقى، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، رەقەملىك ئىقتىساد، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، تۈر يىرىك پىلانى، خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش، يېشىل پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلارغا دائىر بىلىملەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
رۇسسېف شىنجاڭ تەرەپنىڭ قىزغىن، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ھەم مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، ئىشىنىمەنكى، بۇ قېتىمقى زىيارەت يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ جۇڭگونىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مەدەنىيىتى پارلاق، بايلىق ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. بۇ قېتىمقى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولۇش ئارقىلىق شىنجاڭ توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇش ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە، ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىقى ساھەسىدىكى تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قارىتا تەسىراتىم چوڭقۇر بولدى، شىنجاڭنىڭ پۇرسەت ۋە يوشۇرۇن كۈچكە تولغان مېھىرلىك تۇپراق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. يېڭى تەرەققىيات بانكىسى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا باشتىن - ئاخىر كۈچ چىقىرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»غا قەدەم قويدى. بىز ئەسلىي مەقسەتتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ھەم ئۇلارنىڭ يەرلىكلىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئارقىلىق تەرەققىيات ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىمىز. ھازىر دۇنيا ئېنېرگىيە ئەندىزىسى چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىيات ئىدىيەسى، تېخنىكىسى قاتارلىقلار جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا زىچ ئۇدۇللىشىپ، كۆپ خىل مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، دىققەتنى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پائال تۈردە شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ جيەنشىن، جاڭ يىڭچۇن، جۇ لىفەن، مالىيە مىنىستىرلىقىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.