چېن شياۋجياڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە دەرسى سۆزلىدى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو قاتناشتى

7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئۈرۈمچىدە «توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى سۆزلىدى.□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ ئۈرۈمچىدە «توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن مەخسۇس تېمىدا پارتىيە دەرسى سۆزلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسى قوشۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چېن مىڭگو قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى چۆرىدەپ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «سىياسىي نەتىجىنى كىم ئۈچۈن يارىتىش، قانداق سىياسىي نەتىجە يارىتىش، سىياسىي نەتىجىنى نېمىگە تايىنىپ يارىتىش» قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. چېن شياۋجياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىجابىي تىپلارغا توغرىلىنىپ، سەلبىي دېلو مىساللىرىنى ئانالىز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، تۈپ مەيدانى، قىممەت يۈزلىنىشى، ئىچكى تەلىپى، ئەمەلىيەت يولى، مۇھىم تۇتقىسى، تۈپ كاپالىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئاڭلىق ھالدا خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئورۇنغا قويۇپ، چىن دىل بىلەن پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبىدە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى خەلق رايى ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەربىر تەدبىرنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ۋە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، قىيىنچىلىقتىن ئۆزىنى چەتكە ئالماسلىق، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، خىرىسقا يۈزلىنىپ، قىيىن ئۆتكەلنى يېڭىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن شىنجاڭ خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىستېمىلىق قاراش تۇرغۇزۇپ، بىر قاتار مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تېخىمۇ پايدىلىق تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئومۇملۇق بىلەن قىسمەنلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، دۆلەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا دۆلەت مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك. ھازىر بىلەن يىراق كەلگۈسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم ھازىرقى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش، ھەم ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھادىسىدىن تۈزەش بىلەن ماھىيەتتىن تۈزەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. كۆرۈنەر نەتىجە بىلەن كۆرۈنمەس نەتىجىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەم پۇقرالار كۆرەلەيدىغان، ھېس قىلالايدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشەلەيدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىش، ھەم كېيىنكىلەر ئۈچۈن ئاساس بولىدىغان، ئاساس سالىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلارغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۈچۈن تۈزۈپ بەرگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش سىياسىي يۆنىلىشىنى توغرىلاش كېرەك. ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئىدىيەۋى ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى تىرەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك قۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ تەشكىلىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىستىلىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت ئىستىلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تۇرمۇش ئىستىلىنى ساقلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئىستىل توسمىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئۆتكۈر قورال قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئىنتىزام قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.
تيەن شياڭلى، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، لى گاڭ، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، كارخانىلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى خىزمىتى مەخسۇس بەنى ھەم نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.