ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ھەم ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى
بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن چېكىنى قەتئىي پۇختا ساقلاش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ھەم ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سىنلىق يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ بېشىدىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلى قاتارلىق مۇھىم تۈگۈنلەرنى چىڭ كۆزلەپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھادىسە ۋە ئاپەتتىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلىشى كېرەك. «تۈزىتىشنى تۇتۇش، ساقلانما مىقدارنى تۈگىتىش، كۆپەيمە مىقدارنى تىزگىنلەش»كە كۈچ سەرپ قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ ئۆتكەلگە مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىشى كېرەك. مەركەز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، كان ساھەسىدىكى ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزەشنى پۇختا تۇتۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ماھىيەتتىن تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىدىكى «قايتا تەكشۈرۈش» ھەم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، يول قاتنىشى، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئوت مۇداپىئە، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇم قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. «يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، ساياھەت ئاپتوبۇسى − خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ئاپتوموبىلى − يۈك ئاپتوموبىلى − بولكىۋاي» قاتارلىق نۇقتىلىق ئاپتوموبىللارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئاسما يول، ئاسما ۋاگون، كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى، يېمەك - ئىچمەك، تاماق - ياتاق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى دائىملىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، ئېگىز قەۋەتلىك ئىمارەت، چوڭ تىپتىكى سودا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، «توققۇز كىچىك مەيدان - سورۇن»نىڭ ئوت مۇداپىئە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈزەپ، بىناكارلىق قۇرۇلۇش نەق مەيدانىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە بالىلار سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ھادىسىسى يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باشتىن - ئاخىر كىرىچنى چىڭىتىپ، بىخ ھالىتىدە يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ كەسىپچانلىقى ۋە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، جازا ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، گۇڭئەن، قانۇن يۈرگۈزۈش، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئاخىرغىچە تەكشۈرۈش، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر تەۋرەش بويىچە نۇقتىلىق خەتەرلىك رايونلاردىكى ئۆي ئەسلىھەلىرىنى مۇستەھكەملەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى قىلىپ، سۇچىلىق، سۇ - توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش - ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «پارتىيە كومىتېتى بىلەن ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» ۋە «ئۈچنى باشقۇرۇش، ئۈچ جەزمەن» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى تەدبىرلىرىنى كونكرېت مەيدان، نۇقتا، ئورۇن، خادىملارغىچە چىڭىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداش كېرەك.
يىغىندا، مەركەز بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باھالاش - تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 2 - پەسىلدە ئاشكارا تەكشۈرۈپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئەھۋالى، 2026 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى، ئاپتونوم رايوننىڭ كان بىخەتەرلىكى بويىچە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى ئومۇميۈزلۈك بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك تۈزەش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى.
يۈسۈپجان مەمەت ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئالاقىدار ساھە، تارماقلارغا زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋە زور مەسىلىنىڭ مەسئۇلىيىتى، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش تىزىملىكىنى نەق مەيداندا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
جاڭ يىڭچۇن رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇقىيات جارمۇقامەت، پەن شى، قەيسەر قېيۇم يىغىنغا قاتناشتى.