ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە ئارال شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەردە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، كەلپىن، 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى، كەلپىن ناھىيەسى قاتارلىق جايلىرىغا بېرىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، خاس كەسىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىساد خىزمىتى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلارنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايون ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.
ئاۋات ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدا، ئەركىن تۇنىياز نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: باغچە رايونى (تەرەققىيات رايونى)نى مەخسۇس تۈزەشتە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك. شىنجاڭ بويۈەن نېفىت - تەبىئىي گاز ئېچىش چەكلىك شىركىتىدە، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى قاتارلىق پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. شىنجاڭ ئەلنۇرى چامغۇر كەسپى بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ۋەنتويۈەن باقمىچىلىق بازىسىدا، ئۇ چامغۇر كەسپى، تۆگىچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ۋە مۇنداق كۆرسەتتى: شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئەۋزەل بايلىقلارنى قېزىپ، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ئاۋات ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەلەپ قىلدى: مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ۋە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىلىرىنى پۇختا ھەل قىلىش كېرەك. بىڭتۇەن 1 - شى ئارال شەھىرى 16 - تۇەنى تارىم دەرياسى ئېقىن مەنبەسىدىكى ئۈچ دەريا كېسىشكەن جايدا، ئۇ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ۋە مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، دەريا - كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئۇ يەنە ئاۋات ناھىيەسى پاراۋانلىق باغچە رايونىغا كېلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋە ھاۋالىلىك بېقىش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ياشانغانلار، بالىلار ئۈچۈن تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئۇزۇن تالالىق پاختىدىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئېتىزىغا كېلىپ، ئۇزۇن تالالىق پاختىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىش، تېخنىكىلىق تەربىيەلەش، دېھقان ئائىلىلىرى ئالىدىغان پايدا قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى؛ ئاۋات لىخۇا توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئۇزۇن تالالىق پاختا ئەلا سورتىنى يېتىشتۈرۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە داڭلىق ماركا يارىتىشنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن تالالىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئەۋزەل ئورنىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك. پاختىنى ئۆز جايىدا ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى ھازىرلاپ شۇ جايدىكىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەلپىن ناھىيەسىنىڭ لاي - لاتقىلارنى تازىلاپ ئېتىز بەرپا قىلىش تۈرى نەق مەيدانىدا، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەرنى بالدۇر پۈتتۈرۈش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، بەش دەرىجىلىك شۇجىلار يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىق قاچىسىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش ھەم مەركەز كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى ئىستىل ئارقىلىق تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.