ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى
چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخۇدلۇق ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، «دائىم غېمىدە بولۇش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشكە دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ۋە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۇ ئامبىرى دامبىسى، دەريا يولى توسمىسى، قىيان جىلغا ئېغىزى، ساياھەت مەنزىرە رايونى، شەھەردىكى پەس - ئويمان جايلار قاتارلىق نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارغا چىڭ قادىلىپ، تور يېيىش شەكلىدە بىرمۇبىر تەكشۈرۈش ۋە تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەتەرلىك ئەھۋال يوشۇرۇن خەۋپىنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر بىر تەرەپ قىلىش، بالدۇر تۈگىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاپەتنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرى ۋە خەۋپ - خەتەر ئەسكەرتمىسىنى ۋاقتىدا، دەل جايىدا ئېلان قىلىپ، ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئائىلىلەرگىچە، ئادەمگىچە يەتكۈزۈش، بىرىنچى ۋاقىتتا ئىنكاس قايتۇرۇش، بىرىنچى ۋاقىتتا ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ۋە نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىشى كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ماس ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تۈرلۈك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدە ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدىشى كېرەك.
يىغىندا مەركەزنىڭ يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ جەمئىيەت خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كۈچەپ بىخەتەر، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى بەرپا قىلىش، مۇستەھكەم، مۇقىم بولغان ئاساسىي قاتلام ئۇلىنى پۇختىلاش، ھاياتىي كۈچكە تولغان جەمئىيەت كۈچلىرىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلىشى ۋە خىزمىتىنىڭ قاپلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى تۈرلۈك تەشكىلاتلار ۋە كىشىلەر توپىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تېخىمۇ ياخشى جاۋاب قايتۇرۇش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش كېرەك.
يىغىندا چېگرا رايوننىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش مۇھاكىمە قىلىندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: چېگرا رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى)نىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى پۇختىلاپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش، مۇستەھكەملەش ھەرىكىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، چېگرا رايوندىكى ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ۋەتەننى سۆيۈش، چېگرانى قوغداش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى چېگرا رايوننىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.