ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-07-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ۋە ئالاقىدار يىرىك پىلان قاتارلىقلارنى ياخشى ئىشلەش مۇھاكىمە قىلىندى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھاكىمە قىلىندى، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىياتىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى تەرەققىياتىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشيول تەرەققىياتىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپىگە ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە ئەستايىدىل توغرىلىنىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، خىزمەت تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، ۋاقىت چېكى تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، «دەرىجىمۇدەرىجە تۇتۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتلاممۇقاتلام تۇتۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىخەتەرلىك ۋە سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، تېز ئىشلەش، سۈرئەتنى تېزلىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئالدىن پىلانلاپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرگە ھۆكۈم قىلىپ ۋە ئۇنى ھەل قىلىپ، قىلغان ئىكەن ياخشى قىلىش، قىلغان ئىكەن ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېتەكچىلىك قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىزلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا ۋە ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەزمەن ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆددىگەرلىكنى ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پائال، پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەتنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، سىياسەت جەھەتتىن تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، «ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، كىچىك دائىرىدە تەڭشەش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇستەھكەملەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆددىگەرلىكنى ئۇزارتىشنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىياتىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى تەرەققىياتىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشيول تەرەققىياتىنىڭ <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قاتناش تۈگۈنى مەركىزى ۋە قاتناش كۈچلۈك رايونى بەرپا قىلىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق، غول ۋە تارماق لىنىيەلەر ماسلاشقان، ئۈنۈم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، يېشىل، بىخەتەر بولغان، باشقۇرۇشى قېلىپلاشقان تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى يىغىش - تارقاقلاشتۇرۇش - توشۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاشيول ئۇل ئەسلىھەلىرى تورىنى تۇتاشتۇرۇش، تولۇقلاشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بۆلىكىنى قۇرۇپ چىقىشنى تېزلىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك تاشيول مۇلازىمىتىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ قاتناش تورىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر قاتنىشىنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشى، ئىنچىكىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.