خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئۈرۈمچىدە جۇڭگو جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ ئەننەن بىلەن كۆرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن ۋاڭ ئەننەن ھەم ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. سۇ بايلىقى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرەك بولىدىغان ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئاچقۇچ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ مەۋقەنى رايون ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالىغا قويۇپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ۋە پايدىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى. جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان سۇچىلىق ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان سۇ تورى قۇرۇلۇشى، پۈتۈن رايوندا سۇ تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ۋادىنى سىستېمىلىق تۈزەش ۋە سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سۇچىلىق تۈرلىرىنى ئورتاق پىلانلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاڭ ئەننەن شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش گۇرۇھىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە مەدەت بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: گۇرۇھنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە قويۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان سۇ تورى قۇرۇلۇشىغا پائال كۈچ قوشىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ چوڭ - چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا دائىر مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش، زامانىۋى سۇ تورى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.