ئەركىن تۇنىياز خەلقئارا چەۋەندازلار بىرلەشمىسى ۋە شياڭگاڭ ئات بەيگىسى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2026-07-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە خەلقئارا ئات تەنھەرىكىتى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، خەلقئارا چەۋەندازلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېڭمار دېۋوس ھەم شياڭگاڭ ئات بەيگىسى جەمئىيىتىنىڭ مەمۇرىي باش لىدىرى يىڭ جيابەي ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. ھازىر، شىنجاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، سىياسەت، رايون ئورنى، بايلىق قاتارلىق سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولماقتا. خەلقئارا چەۋەندازلار بىرلەشمىسى ۋە شياڭگاڭ ئات بەيگىسى جەمئىيىتى ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇسابىقە ئىشلىرىنى تەشكىللەش، مال دوختۇرلۇق پەن تەتقىقاتى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مول خەلقئارالاشقان، تاۋارلاشقان يۈرۈشتۈرۈش تەجرىبىسىگە ئىگە. خەلقئارا چەۋەندازلار بىرلەشمىسىنىڭ دۇنياۋى مۇسابىقە تورىغا تايىنىپ، شياڭگاڭ ئات بەيگىسى جەمئىيىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەن مۇسابىقە يۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئىلى ئېتىنىڭ خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانلىرىغا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى ۋە كەسىپ ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاتنى ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم بولغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيمىز.

ئېڭمار دېۋوس بىلەن يىڭ جيابەي مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ چەۋەندازلىق تەنھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا، بۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا بىرقەدەر زور تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئات بايلىقى مول، ئات تەنھەرىكىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، بولۇپمۇ ئىلى ئېتىنىڭ نەسلى ئەلا، يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. شىنجاڭ بىلەن بولغان پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاتچىلىق كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

قەيسەر قېيۇم، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتناشتى.