ئەركىن تۇنىياز پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان كادىرلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى
سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان كادىرلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم يولداشلار قاتارلىقلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم جەڭچى جاڭ باۋچاڭ بۇ يىل 95 ياشقا كىرگەن بولۇپ، غەربىي شىمال دالا ئارمىيەسىگە ئەگىشىپ شىنجاڭغا كىرىپ، كۆپ قېتىم شەرەپ بىلەن ھەربىي خىزمەت كۆرسەتكەن. ئەركىن تۇنىياز بوۋاينىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، بوۋاينىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈشكە دائىر تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئۇنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە رەھمەت ئېيتتى، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ شىنجاڭنى گۈللەندۈرگەنلىكىگە ئېھتىرام بىلدۈردى. ئەركىن تۇنىياز پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، قىممەتلىك پىكىرلەرنى كۆپرەك بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئالاقىدار تارماقلار پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېھتىياجىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، مېھىر - مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن كۆيۈنۈش - مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياشانغانلارنى كېيىنكى ئۆمرىنى خاتىرجەم، بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم جەڭچىلەرنىڭ شەرەپلىك ئىش ئىزلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە رەتلەپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، قەھرىمانلار ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
لى شيۇپىڭ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان كادىرنىڭ ئائىلە تەۋەسى، ئۇنىڭ ئېرى يولداش نيې رۇيلىن ھايات ۋاقتىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق (تۇدۇڭخابا رايونلۇق) شۆبە ئىدارىسى قوماندانلىق بۆلۈمى(ئىشخانىسى)نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىدى، 2018 - يىلى 10 - ئايدا، ئۇدا كېچىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلغانلىقتىن تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان. لى شيۇپىڭنىڭ ئائىلىسىدە، ئەركىن تۇنىياز ئائىلە تۇرمۇشى، سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش نيې رۇيلىن ھاياتى ئارقىلىق كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى، پارتىيە ۋە خەلق يولداش نيې رۇيلىننىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇ ئالاقىدار تارماقلارغا خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تىرىشىپ ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشنى تاپىلىدى.
ئەركىن تۇنىياز يوقلاش، ھال سوراش داۋامىدا مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، سادىق پەزىلەتنى تاۋلاپ، خىزمەتكارلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، دادىللىق بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى كېرەك.