چېن شياۋجياڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك

7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ چىرا ناھىيەسى جەڭگىۋار ئۆستەڭ خاتىرە سارىيىدا، مەيدان - ساراينىڭ قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
شىنجاڭ گېزىتى، خوتەن، 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.
كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ شىمالىي ئېتىكى كوئېنلۇن مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم يۈكلىمە رايونى بولۇپ، بۇ جايدا تاغلار تۇتاش كەتكەن، قارلىق چوققىلار پەلەككە تاقاشقان، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل، تاغ گەۋدىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5000 مېتىردىن ئاشىدۇ. چېن شياۋجياڭ تاغ ئالدىغا كېلىپ، يەر شەكلى مەنزىرىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، كوئېنلۇن مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، مەدەنىيەت - ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كوئېنلۇن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت بەلگىسى، تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن تارىخىي مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى چوڭقۇر قېزىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن ھېكايىسىنى جانلىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىشقا، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئېكولوگىيە ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چىرا ناھىيەسى جەڭگىۋار ئۆستەڭ خاتىرە سارىيى نەچچە ئەۋلاد چىرالىقلارنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقى، بىر مەقسەتتە ئۆستەڭ ياساپ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. چېن شياۋجياڭ مەيدان - ساراي قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، ئالاقىدار يولداشلارنى يېڭى، جانلىق دەرسلىكلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېڭى مۇساپىدە ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەشكە ئىلھاملاندۇردى. چىرا ناھىيەسىدىكى دامكۇ بۇددا مەدەنىيىتى خارابىلىكىدە، چېن شياۋجياڭ ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ئەھۋالى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئارخېئولوگىيە خىزمىتى ۋە تارىخ تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، نەتىجىلەرنى قوللىنىش ۋە تارقىتىش، نامايان قىلىشنى ئىجادىي ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاپ بىللە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان مۇھىت، شارائىتنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، چېن شياۋجياڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىم يۈكسىلىش ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك. دىققەتنى پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل يوشۇرۇن كۈچنى سىجىل قوزغىتىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.