ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ما شىڭرۇينى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىمىز
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ما شىڭرۇيگە پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار بىردەك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ما شىڭرۇينىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغانلىقى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيەمىزنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت روشەن پوزىتسىيەسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالماي، يېرىم قەدەممۇ چېكىنمەي، قەتئىي ئىرادە بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تولۇق تارقاتتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ما شىڭرۇينىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، دېلودىن ئىبرەت ئېلىش، دېلو ئارقىلىق ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ما شىڭرۇينىڭ يامان تەسىرىنى قەتئىي تازىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بايراق تېخىمۇ روشەن ھالدا پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش سىياسىي خىسلىتىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ دائىم تەربىيەلىنىپ، دائىم تاۋلىنىپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى ئۈزلۈكسىز تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تېخىمۇ سەگەكلىك، تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك ۋە قەيسەرلىكنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىق»لارغا چىڭ قادىلىپ، ئاچقۇچلۇق ھوقۇقنى چىڭ تۇتۇپ، چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھوقۇق ئىشلىتىشتە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش، ھوقۇق ئىشلىتىشتە قېلىپتىن چىقىپ كېتىش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشنى قەتئىي توسۇپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى ۋە ئىمتىياز قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، قولىدىكى ھوقۇقنى پەقەت پارتىيە ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشقا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توغرا بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا ھوقۇق سەپلەش ۋە ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە چەك قويۇش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تۈزەش كېرەك. ئائىلە، ئائىلە تەربىيەسى، ئائىلە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمەت بويىچە چىرىكلىشىش، پەرزەنتلەر چىرىكلىشىش، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى چىرىكلىشىش ۋە يېنىدىكىلەر چىرىكلىشىش مەسىلىسىنى قاتتىق جازالاپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھوقۇق ۋە تەسىر كۈچىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، چىرىكلىشىشنى توسۇش، ئۆزگىرىپ ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى سىجىل ساپلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) باشتىن - ئاخىر پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى، ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى دەپ بىلىپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيىتى بولۇش»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈش، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە زىچ باغلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى فۇنكسىيەلىك تارماقلار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، «ساھەنى باشقۇرۇشتا جەزمەن نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» «كەسىپنى تۇتۇشتا جەزمەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كەمچىل بولۇش، يېتەرسىز بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئاجىز بولۇش مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نازارەتچىلىك مەخسۇس مەسئۇلىيىتى ۋە ھەمكارلىشىش مەسئۇلىيىتىنى تۇتاشتۇرۇپ ئادا قىلىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى چىڭىتىپ، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، بىرتۇتاش ماسلىشىدىغان پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ما شىڭرۇينىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى ئەينەك قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش ۋە ئىستىلنى ياخشىلاشقا دائىر تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىش، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئائىلىسىدىكىلەر، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە يېنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى قاتتىق، ياخشى باشقۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.