ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش تەكىتلەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ باش تېمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىستېمال بازىرىنىڭ ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىكىر يولى ۋە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلدى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىش ئىكەنلىكىنى، تەكشۈرۈش بولمىسا سۆز قىلىش ھوقۇقىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، قاتتىق ئۆلچەم، ئەمەلىي ئىستىل ئارقىلىق «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش»نى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە» بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئەھۋالنى ئېنىقلاش، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىش ئاساسىدا، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىغا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئىنتايىن ئېغىر، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. زىددىيەت - ماجىرالار كۆپ، ئاممىنىڭ پىكرى كۆپ، خىزمەتتە ۋەزىيەت يارىتالمىغان جايلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى سىجىل راۋانلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقتىن چارە - تەدبىر سوراش، خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراش، خەلقتىن ئۈنۈمنى سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. دىققەتنى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، مائارىپ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى، قاتناش، سەپەرگە چىقىش، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم، مېخانىزم جەھەتتىن ھەل قىلىش چارىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى خىزمەت ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.