شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك ۋە ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2026-07-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

چېن شياۋجياڭ پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان كادىرلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك ۋە ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق بەخت تىلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۈرۈمچىدە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان كادىرلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرىگە بايراملىق بەخت تىلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

بۇ يىل 97 ياشقا كىرگەن فېڭ شېڭخۇا ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان 80 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پېشقەدەم جەڭچى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى. چېن شياۋجياڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، بۇ پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى كۆڭۈل بۆلۈپ سورىدى، بىرلىكتە قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلەپ، كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىقىدەك روھىي خىسلىتىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، ئۇنىڭ تېنىنىڭ ساغلام، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشىغا، تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ جاپالىق ئەجرى بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى. بىز پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى، خەلقچىل ھېسسىياتى ۋە كۈرەش قىلىش روھىدىن ئۆگىنىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

چېن شياۋجياڭ خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان كادىر، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى يولداش جاسارەت مەخسۇتنىڭ ئۇرۇق - تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش جاسارەت مەخسۇت بىر ئۆمۈر پارتىيە ۋە خەلققە سادىق بولۇپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا خالىس ئىشلەپ، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلدى، ئۇ شىنجاڭدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى. بىز ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەت ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتەك كەسىپنى قەدىرلەش روھىنى سىجىل يېتىلدۈرۈپ، تىرىشىپ پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. چېن شياۋجياڭ ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق تاپىلىدى: خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە غەمخورلۇق قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

چېن شياۋجياڭ يوقلاش، ھال سوراش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە بولغان سادىق قەلبنى تاۋلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. كۈچلۈك پارتىيەۋىلىك ئارقىلىق توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقچىل ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە قىلىپ، ئامما ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمسى»نى نىشانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

قادېن كەبىن پائالىيەتكە قاتناشتى.