ئەركىن تۇنىياز ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى ۋاھابوف بىلەن كۆرۈشتى

2026-07-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاھابوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ياخشى ھەمراھلار. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە زۇڭتۇڭ مىرزىيويېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يېڭى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلدى، شۇنداقلا جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭ تەرەققىيات ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. بىز ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئۆزبېكىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايمىز. جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە نامرات نوپۇسنى ئازايتىش، مەدەنىيەت - ساياھەت، مائارىپ، پەن تەتقىقات، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئۆزبېكىستان يەرلىكلەر ئارا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ۋاھابوف مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئۆزبېكىستان - جۇڭگو ھەمكارلىقى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق ساھەسى يېشىل ئېنېرگىيە، ياسىمىچىلىق، بىناكارلىق قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك. كەلگۈسىدە ھەمتۈرتكىلىك ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سودا، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز.

جاڭ يىڭچۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.