ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى
تىجارەت - سودا مۇھىتىدىكى جاھىل ئىللەتلەرنى تېزدىن تۈگىتىش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «قانچە ئەھمىيەت بەرسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ» دەيدىغان ئېنىق پوزىتسىيەدە، «ئەڭ ياخشىسى يوق، پەقەت تېخىمۇ ياخشىسى بار» دەيدىغان ئۆلچەم تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىدىكى جاھىل ئىللەتلەرنى تېزدىن تۈگىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە تېخىمۇ زور ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تىرىشىپ ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىپ، بازار ئىجازىتى جەھەتتىكى يوشۇرۇن توسۇقلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، بايلىق تەقسىملەشتىكى نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىپ، «چەكلەنمىگەن بولسىلا كىرگۈزۈش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش مۇھىتى يارىتىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش تەرتىپىنى سىجىل قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىپ رىقابەتلىشىشنى چەتكە قېقىشقا قارىتا مەخسۇس قانۇن ئىجراسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. سىياسەتنى تۈزۈش ئۆتكىلى، ئېلان قىلىش ئۆتكىلى، نەقلەشتۈرۈش ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلەپ، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بويىچە تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن سىياسەت ئېلان قىلىش سۇپىسىنى تېزدىن تورغا چىقىرىپ يۈرۈشتۈرۈپ، «كارخانا سىياسەتنى ئىزدەش»نى «سىياسەت كارخانىنى ئىزدەش»كە ئۆزگەرتىش كېرەك. «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى يېتەكچى قىلىپ، سانلىق مەلۇماتتىن تارماق ھالقىپ ئورتاق بەھرىلىنىشتىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، «تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەيلا بەھرىمەن بولۇش» «ئىلتىماس قىلغان ھامان بەھرىمەن بولۇش»نىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كارخانىلارنىڭ نېسى قالغان پۇلىنى كۈچەپ ئېنىقلاپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن بانكا مەھسۇلاتلىرىنى «قوش يۆنىلىشلىك تەۋسىيە قىلىش» مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق بولغان مەمۇرىي ئىشلار مۇھىتى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تورغا چىقىرىپ بولۇنغان «بىر ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش» تۈرلىرىگە «قايتا قاراپ چىقىپ»، كەسىپ تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ساۋما قىلىپ كارخانا سۇپىسىغا كىرىش» ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارغا چېتىشلىق دېلولارنى بېجىرىش ۋاقىت چېكى ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سىجىل چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، «مەسىلىنى بايقاش − مەسىلىنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش − مەسىلىنى تۈزىتىش − تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىپ تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش» يېپىق ھالقىلىق مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش - باھالاشنى كۈچەيتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار تارماقلار بازار مۇھىتى، ئامىل مۇھىتى، مەمۇرىي ئىشلار مۇھىتى، قانۇنچىللىق مۇھىتى، ئېچىۋېتىش مۇھىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.
جاڭ يىڭچۇن يىغىنغا قاتناشتى.