ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك
چېن شياۋجياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ۋاڭ شىڭرۇي، ليۇ يى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 7 - ئاينىڭ 17 - كۈنى توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزلىك ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، چېن مىڭگو، تيەن شياڭلى، جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، لى گاڭ، ۋاڭ گاڭ، قەيسەر ئابدۇكېرىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ۋاڭ جيەنشىن، ۋاڭ لىن يازما سۆز تاپشۇردى. كۆپچىلىك ئۆگىنىش - تەربىيەسى باش تېمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، سانائەتتە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، مائارىپنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر ئالماشتۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت پىكىر يولى ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى «سىياسىي نەتىجىنى كىم ئۈچۈن يارىتىش، قانداق سىياسىي نەتىجە يارىتىش، سىياسىي نەتىجىنى نېمىگە تايىنىپ يارىتىش»تىن ئىبارەت دەۋر ئىمتىھان سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇشىنى تۈپ قوللانما ۋە ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. سىجىل تۈردە چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن خەلقنىڭ مەيدانى ۋە ئىلمىي ئۇسۇلنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىشنى تەدبىر بەلگىلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مەخسۇس ئورگانلار ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئامما ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرى ۋە زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۈگىتىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىنى ئىشىك ئالدىدا ھەل قىلىش، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇقرالارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئوبرازلىق» بولۇش ئارقىلىق ئاساسنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، مول، كۆپ خىل ۋاسىتە، تۇتقا ۋە سۇپا ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كونكرېت، ئىستېرېئولۇق، ھەرىكەتچان نامايان قىلىش كېرەك. «تەسىرلىك» بولۇش ئارقىلىق روھنى تاۋلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھېس قىلىش، قاتنىشىش، ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. «ئۈنۈملۈك» بولۇش ئارقىلىق ئاساسنى مۇستەھكەملەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك بولغان تەجرىبە - ئۇسۇللارنى تاۋلاپ، يەكۈنلەپ، تۈزۈملەشتۈرۈش، سىستېمىلاشتۇرۇش، تۈرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىدارى، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى كۈچەپ ياخشى بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تەرەققىيات مۇساپىسىگە كەڭ كۆلەمدە قاتناشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىلەندۈرۈپ، تەرەققىيات ئارقىلىق شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مۇھىم تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئاساسىي قاتلام ئالاقىلىشىش نۇقتىسىدا نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاڭلىق ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چۆكۈپ، خەلقتىن ئەقىل سوراپ، خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.