ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

2026-08-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»دىكى ئالاقىدار يىرىك پىلانلىرى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، باشقۇرۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن خۇمار قىلىدىغان ماددىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، دىققەتنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يارىتىش، قوللىنىش، قوغداش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرنى كۈچەپ راۋانلاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە مۇلازىمەت قىلىشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. دىققەتنى تەنتەربىيە كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، شەھەر، يېزا تەنتەربىيە بايلىقىنى تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەنتەربىيە مۇسابىقە ئىشلىرى بويىچە تەمىنلەشنى بېيىتىپ، كۆپ نۇقتىلىق، كەڭ قاپلىغان ئىلمىي بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ۋە دۆلەتكە شەرەپ كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى پۇختا يۈكسەلدۈرۈپ، قار - مۇز، دالا، مۇسابىقە ئىشلىرى يادرولۇق كەسىپ زەنجىرىنى كۈچەيتىپ، تەنتەربىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دىققەتنى ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتىنى سىستېمىلىق ياخشىلاش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشقۇرۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن خۇمار قىلىدىغان ماددىلارنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلدى) مۇھاكىمە قىلىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوننىڭ باشقۇرۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن خۇمار قىلىدىغان ماددىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تۈزەش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جازا ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زەھەر چەكلەش بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي چىڭ ساقلاپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. «چارە»نى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇشنى زەھەر تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ماس ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، زەھەر تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش لايىھەسى» مۇھاكىمە قىلىپ ماقۇللاندى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: مائاش كىرىم تەقسىماتىنىڭ پۈتكۈل كىرىم تەقسىماتىدىكى ئۇللۇق ۋە باشلامچىلىق رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، مائاش كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائاشنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل تەقسىملەش ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ماس قەدەمدە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.