لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى

2026-08-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شۈ كۇنلىن، چېن شياۋجياڭ، ۋاڭ شىنۋېي، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ پائالىيەتكە قاتناشتى

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، لى ياڭ، ليۇ يىخەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن 21 - كۈنىگىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى، ئۇدۇللاشتۇردى. ئىككى تەرەپ خىزمەت سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، لياۋنىڭ - شىنجاڭ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتتى. لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ كۇنلىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن شياۋجياڭ، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ شىنۋېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لياۋنىڭ ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. چېن شياۋجياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن لياۋنىڭنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى ئىشقا سېلىپ شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ياردەم بېرىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇنى قەلبىدە چىڭ ساقلايدۇ. ئىككى ئۆلكە - ئاپتونوم رايوننىڭ 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كەسىپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى؛ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، سىرتقا يۈزلىنىش تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىشى ۋە سىڭىشىشىنى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى كۈچەيتىشىنى؛ شىنجاڭغا ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئەۋەتىش، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش، يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شۈ كۇنلىن لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان لياۋنىڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا، لياۋنىڭدىن كېلىپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇلارنى ئاسرىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ قىياپىتى كۈنسېرى يېڭىلاندى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتقان يېڭى كەيپىيات نامايان بولدى. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىز، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ تەڭداشسىز ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇق. لياۋنىڭنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 8 - شى، 9 - شىغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى لياۋنىڭغا بېكىتىپ بەرگەن مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىش، كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز. بىز شىنجاڭ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى، تەرەققىياتتا ھەمتۈرتكە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىش سۇپىسىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا ئوبوروتى ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

سۆھبەت يىغىنىدا، ئەركىن تۇنىياز، خې جۇڭيوۋ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ھەم لياۋنىڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى؛ ۋاڭ شىنۋېي لياۋنىڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئىككى تەرەپ ھەدىيە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈرۈمچى شەھىرى، تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرى، 9 - شى بەيياڭ شەھىرىگە بېرىپ، كەسىپلەر باغچە رايونى، دوختۇرخانا، مەكتەپ، ئاساسىي قاتلام مەھەللىلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي مەيدان - سارايلىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈردى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

لياۋنىڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن جاۋ چېڭ، ۋۇ چۇنگېڭ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن جاڭ يىڭچۇن، قادېن كەبىن، شۆ بىن، خا زېڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.