يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، ئىسلاھات چارىسى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى ئارقىلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2026-08-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، ئىسلاھات چارىسى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى ئارقىلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، چۆچەك، 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىن 20 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چۆچەك شەھىرىگە بېرىپ يېزا ئىگىلىكى، خەلق تۇرمۇشى، مائارىپ، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، ئىسلاھات چارىسى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى ئارقىلىق، 3 ـ پەسىلدىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

چۆچەك شەھىرىنىڭ قاراقاباق يېزىسى دۆڭگېلېكچي كەنتىدىكى 11 مىڭ 300 مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز تۈر رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئاقىللاشقان باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ياخشى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەننەرخنى ھەقىقىي تۆۋەنلىتىپ، ئاشلىقنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ دېھقانغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز تارباغاتاي خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ئىدارىسى قوشۇمچە ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا كېلىپ، مەيدان، ئەسلىھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆزدىن كەچۈردى، مەشغۇلات تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: تاموژنا، پوچتا شىركىتى، كارخانىلارنىڭ ماسلىشىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتىكى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى قاتارلىق كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، تارباغاتاينىڭ ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.

شىنجاڭ شاۋخۇا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق چەكلىك شىركىتىدە ئەركىن تۇنىياز كارخانىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ، شىنجاڭدا زور كۈچ بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا ئىلھاملاندۇردى. خېنەن بېيدى سولياۋچىلىق (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، ئۇ، بۇ شىركەتنىڭ زەنجىر باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كەسىپلەر توپى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى تارباغاتاي مەكتەپ رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك پىلانلاش، يۇقىرى تەلەپ بىلەن قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھازىرقى مەكتەپ رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىپ، چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئوقۇش باشلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى»نى ياخشى ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ رايون ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز چۆچەك شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى غۇلجا مەھەللىسىدىكى ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش نۇقتىسىغا كېلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ياشانغانلارنىڭ غىزالىنىشىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سارىيىدا، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنى پائال قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: تارباغاتاي ۋىلايىتى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، باشتىن ـ ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ۋە تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى بېجىرىشى كېرەك. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىدە دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىش، سودىگەرلەرگە تايىنىپ سودىگەر چاقىرىشنى چۆرىدەپ، ئامىل كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى ئارقىلىق مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش مۇنبەت تۇپرىقىنى ئوزۇقلاندۇرۇشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەش ھەم مەركەز كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش، ئىستاتىستىكا نازارەتچىلىكى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جاڭ يىڭچۇن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.