ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2026-08-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 13 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

ئىقتىساد خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 13 - ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ 12 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەھلىل قىلىش يىغىنىنىڭ تەلىپى بويىچە، كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا، يۈكسىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىش ۋەزىيىتى سىجىل مۇستەھكەملەندى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى سالماق ۋە تەدبىر ئارقىلىق، ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يىللىق ئاتاكىغا ئۆتۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىپ، «15 - بەش يىل»نى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ماھىيەتلىك ھەل قىلىشنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۈر ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلەر نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ھۆددە ئېلىپ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسى قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك. ئاپتوموبىل، تۇرالغۇ قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار ئىستېمالىنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭىچە ئىستېمال كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى ياخشى تۇتۇپ، «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، مول ھوسۇلغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. سانائەتنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇپ، كۆمۈر كانلارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوزغىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، رەڭلىك مېتال، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى تولۇق نورمىدا ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، دەل جايىدا سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تاشقى سودىدا «كۆلەمنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، بوشلۇقنى كېڭەيتىش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىش كېرەك. مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش نازارەتچىلىكى بويىچە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ھەرىكەت لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ يولغا قويۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ۋە خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدىن ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تەپەككۇرنى بۇزۇپ تاشلاپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جاڭ يىڭچۇن، يۈسۈپجان مەمەت، قەيسەر ئابدۇكېرىم، مۇقىيات جارمۇقامەت، جۇ لىفەن، پەن شى، نيې جۇاڭ، قەيسەر قېيۇم قاتناشتى.